ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىللەتنىڭ ئۆز ئېڭىنى يوقىتىپ قويۇشى ئۇ بىر قۇتۇلماس مۇسىبەتكە دۇچار بولغانلىقتۇر.
 

مىللەتتە ئاڭ پەيدا قىلىش

ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋىي

    مىللەتنىڭ ئۆز ئېڭىنى يوقىتىپ قويۇشى، ھەر ئاۋازغا قۇلاق سېلىشى، ھەر دولقۇندا چايقىلىشى، ئالدىغا كەلگەنگە بويۇن ئېگىشى، ھەر بىر رەزىللىكنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىۋېلىپ، بارلىق ھەقسىزلىكلەرگە رازىلىق بىلدۈرۈشى، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، جاي ـ جايىدا ھەل قىلالماسلىقى، دوست بىلەن دۈشمەننى، ھىيلىگەر بىلەن نەسىھەتچىنى ئايرىيالماسلىقى، ئىدارى مېخانىزمىنىڭ ھەر دائىم ئوغرى ـ بۇلاڭچى، خائىن، شەخسىيەتچى، ۋىجدانسىز ۋە مۇتەھەم كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى، جېنىنى، مېلىنى ئىپپەت ـ نۇمۇسىنى ۋە خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ ۋە ئۇلاردىن تارتقان زىيان ۋە ئۇچرىغان ئىزا ـ ئەلەملەرنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشى قاتارلىقلار مىللەتنى خېيىم ـ خەتەرگە دۇچار قىلىدىغان ۋە ئۇنى مۇناپىقلارنىڭ غەنىمىتى، ساختىپەزلەرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەڭ چوڭ پالاكەتتۇر. مانا بۇ ئەھۋال ئاستىدا، ئەدەب ـ ئەخلاقسىز سىياسەتچىلەر ۋە خائىن رەھبەرلەر ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ. مىللەتنىڭ غەزەپ ـ نەپرىتى ۋە كۈرەش كۈچىگە ھېچ پىسەنت قىلمىغان ھالدا ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مىللەتنىڭ ئەخمەقلىقى، مۆڭ ۋە ئاڭسىزلىقىدىن ھىيلە ـ نەيرەڭلىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىدۇ. ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇسۇلمان مىللەتلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ئاجىز، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەقىقىي ئاڭ ۋە ساغلام ئەقلىگە يوقسۇل. چۈنكى ئۇلار دوست ـ دۈشمىنىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماقتا ياكى دۈشمەنلىرىگە دوستلىرىغا قىلغاندىنمۇ ئارتۇقراق يېقىنچىلىق قىلماقتا ۋە بەزىدە دوستلىرى بىلەن ئايىغى يوق دە ـ تالاش ۋە ئىختىلاپ قىلىشىپ، دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلىۋاتماقتا. بىر تۆشۈكتىن نەچچە قېتىم چېقىۋېلىنسىمۇ، يەنىلا ھادىسە ۋە ۋەقەلەردىن تەجرىبە ساۋاق ئالمايۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىز. بىر نەرسىنى ئاسانلىقچە خاتىرىلىيەلمەيدۇ. رەھبەر ۋە قوماندانلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى يىراق ـ يېقىن تارىختا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئېڭىمۇ ئاجىز. ھەتتا سىياسىي ئېڭى يوق دېگۈدەك دەرىجىدە ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئېغىر پالاكەتلەرگە ۋە چىدىغۇسىز ئازاب ـ ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. زالىم ۋە قەبىھ يولباشچىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بارلىق جەڭلەردە يېڭىلدى، تالاپەتكە ئۇچرىدى. ياۋرۇپالىقلار بىز بۇ كىتابتا ئېيتىپ ئۆتكەن بىر مۇنچىلىغان كەمچىلىكلىرى، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى تالاپەتلىرىگە قارىماي ئاڭلىق سەۋىيەگە ئىگە. بولۇپمۇ مەدەنىي ۋە سىياسىي ئاڭلىرىمۇ بەك يۇقىرى. ياۋرۇپالىقلار سىياسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلدى. پايدا ـ زىيىنىنى، دوست ـ دۈشمىنىنى تونۇيالايدىغان ھالغا كەلدى. ئۇلار ھەقىقىي دوستى بىلەن خائىنلارنى، سەمىمىي ـ ساداقەتلىك ئىنسانلار بىلەن مۇناپىقلارنى، قابىلىيەتلىكلەر بىلەن يارامسىزلارنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. ئىدارى مېخانىزمىغا پەقەت ئىشەنچىلىك، قابىلىيەتلىك ۋە لاياقەتلىك ئادەملەرنى قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا شۈبھە بىلەن قارايدۇ ۋە ھەر دائىم ھۇشيار تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ياكى خىيانەت قىلغىنىنى كۆرسە ياكى ئۇلار ئۆز دەۋرىنى تاماملاپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتسە، دەرھال ئۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ لاياقەتلىك ۋە تېخىمۇ ئىش ئەھلىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدۇ. پارلاق ئۆتمۈشىدىكى رەھبەرلىك ۋە نەتىجىلىرى، ئۇنتۇلماس ئىش ـ پائالىيەتلىرى، ھەرقانداق بىر جەڭدىكى زەپەرلىرى ياكى بىر مەسىلىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بۇنىڭغا تۇسالغۇ بولالمايدۇ. ياۋرۇپا ۋىجدانسىز سىياسەتچىلەرنىڭ، نائەھلى، خائىن رەھبەرلەرنىڭ قولىدىن مانا مۇشۇنداق قۇتۇلۇپ، ئىشەنچ ساھىلىغا مانا مۇشۇنداق چىققان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەھۋال، رەھبەرلەرنى، ئىدارى مېخانىزمىدا يەر ئالغان ئىلغار گۇرۇھنى خېلىلا چۆچۈتكەن، مىللەتنىڭ كۆز ـ قۇلاق بولۇشى ۋە جازاسىدىن، جاھان ئەھلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىشىدىن قورقۇپ، ھەر دائىم سەگەك ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. مەيلى خەلق ياكى گۇرۇھ ـ تەشكىلاتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېڭىنى ئويغىتىپ، مەدەنىي، ئەقلىي ۋە سىياسىي تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈش ياۋرۇپا مىللەتلىرى يولغا قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان پالاكەت ۋە كېسەللىكلەردىن قۇتۇلغان ئەڭ چوڭ ھەرىكەت شەكلىدۇر. شۇنىسى ھەقىقەتتۇركى، جاھالەتنى قومۇرۇپ تاشلاش يۇقىرى ئاڭغا ئىگە بولۇشنىڭ ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك يولى بولسىمۇ، ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىپ، جاھالەتنى يوقىتىش سەزگۈرلۈك ۋە ئاڭلىقلىق دېگەنلىك ئەمەستۇر. ھەممىدىن ئاۋۋال، سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ۋە قوماندانلارنىڭ ئەقلى ھوشىنى، يىغىپ ئاڭ ـ سەۋىيىگە موھتاج بىر مىللەتنىڭ مەجۇدىيىتىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ۋە ئىشلىرىنى يولغا كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. چۈنكى مىللەت ئۆز رەھبەرلىرىنى ۋە قوماندانلىرىنى نەقەدەر ماختىسا ماختىسۇن، ئۇچۇرۇپ كۆككە نەقەدەر چىقىرىۋەتسە چىقىرىۋەتسۇن، نەقەدەر ئالقىشلىسا ئالقىشلىسۇن، ھەقىقىي ئاڭغا ئىگە بولمىغىچە، خۇددى چۆلدىكى شامالنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغان ۋە نەدە توختىشى بىلىنمىگەن پەيگە ئوخشاش، ھەر تۈرلۈك تەشۋىق ـ تەرغىباتلارنىڭ، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئويۇن ـ تاماشىنىڭ يېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.تەرجىمە قىلغۇچى: سابىرجان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ