ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا تۇخۇم پىشۇرغاندا دىققەت قىلىش كېرەك

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-11-09 16:14:15 جەمئى 76725 قېتىم ئوقۇلغان.

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا تۇخۇم پىشۇرغاندا دىققەت قىلىش كېرەك

تۇخۇمنىڭ ئادەتتە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالغاندا پارتلاپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭا ئىشلەتكەندە چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ شاكاللىق يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا پىششىقلاپ ئىشلىگەندە چوقۇم شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ سېلىش كېرەك، بولمىسا ئېغىر بولغاندا ئادەم ئۆلۈش خەۋپى يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە تارقىلىشىچە، بىر ئەر كىشى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا يېمەكلىك پىشۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي پاراس – پۇرۇس قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئوچاقنىڭ ئېغىزىنى ئېچىشى بىلەنلا ئوچاقنىڭ ئىچى پارتلاپ چىقىپ بىۋاستە ئەرنىڭ يۈزى تەرەپكە چاچرىغان. ئەر كۆزى كۆيۈۋاتقاندەك قىلىپ ئاچالمىغان. ۋەقەدىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە كۆز ئالمىسى پارتلاشنىڭ تەسىرىدە قارغۇ بولۇپ قالغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.

كىچىك ئىشلارغا سەل قارىماي دىققەت قىلايلى، ھەممەيلەننى ئاللاھ ساقلىسۇن.

تۆۋەندىكىلىرى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىشلەنگەن بىر قىسىم تەجرىبىلەر.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ