ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىكروسوفت خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-01-01 11:03:04 جەمئى 102342 قېتىم ئوقۇلغان.

مىكروسوفت خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مىكروسوفت شىركىتى خىتاي خاككىرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى بۇنى رەت قىلدى. مۇتەخەسىسىلەر بولسا، بۇ خاككىرلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قوللىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31- دېكابېر خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت شىركىتى شىركەتتىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشى ئارقىلىق، بىر نەچچە يىل بۇرۇن خىتاي خاككىرلارنىڭ بىر نەچچە مىڭ Hotmail ئېلېكترونلۇق پوچتا ھېسابلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھېسابلىرى بارلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى ئاشكارلىغان. 

مىكروسوفت ئەينى ۋاقتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلمىغان. لېكىن بۇندىن كېيىن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىكەن. ئېلېكترونلۇق پوچتا ھېسابىغا بىر دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلغان شەخس ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى ياكى ھېسابنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى بايقالسا، مىكروسوفت شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن.

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىككى خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر قىسىم ھۇجۇم ۋەقەلىرى 2009- يىلى 7- ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرى، ياپونىيە ۋە ئافرىقا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ھۇجۇم نىشانى بولغان.

ئەينى ۋاقتتا شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. شىركەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇلارغا مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئۇقتۇرغان.

خادىملارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەينى ۋاقتتا خاككىرلار ئاللىبۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭى شىفىرنىمۇ كۆرۈۋالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۈچ تىبەت ۋە ئىككى ئۇيغۇر بىلەن بۇ ھەقتە زىيارەت ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئىكەن. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ