ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىكروسوفت Windows 8 نىڭ قاچىلىنىش ۋاقتىنى 21 مىنۇتقا قىسقارتىشقا ۋەدە بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-11-25 14:21:04 جەمئى 6461 قېتىم ئوقۇلغان.

Windows 8 نى قاچىلاشقا بولسا پەقەتلا 21 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن

مىكروسوفت Windows 8 نىڭ قاچىلىنىش ۋاقتىنى 21 مىنۇتقا قىسقارتىشقا ۋەدە بەردى

ئىلگىركى Windows  نىڭ نۇسخىلىرىدا سېستىمىنىڭ قاچىلىنىشى ناھايىتى ئاستا ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان Windows 8 نىڭ قاچىلىنىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ قىسقارتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

Windows  مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەربىرىنى ھەرخىل قاتتىق دىتاللارغا ماسلىشىدىغان، يۇمشاق دىتاللار ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان قىلىش ئانچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس ، بۇ غايەت زور بىر جەڭ، مىكروسوفتمۇ بۇ مەسىلىنى تېخى ھەل قىلالماي، ئابۇنىتېتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويماقتا.

ئەمما  Windows 7 دە مىكروسوفت چوڭ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىدى، ھەمدە بۇ قېتىم  Windows 8 دىمۇ چوڭ بۆسۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. مىكروسوفتنىڭ قۇراشتۇرۇش ۋە تەقسىملەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەزاسى (Christa St. Pierre) بۈگۈن بلوگىغا سۆز قالدۇرۇپ : Windows 8 غا كەلسەك، بىزنىڭ نىشانىمىز ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىشەنچلىكلىكىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، قاچىلاپ سىناق قىلىشقا ۋە ئەسلى ئىقتىدارىغا ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزىمىز. بىز ئۇنى پەقەت مۇقىم قىلىشلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىمىز، دېدى.

(Pierre) نىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، Windows 7 نىڭ يېڭى ھەم سۈزۈك نۇسخىسىنى قاچىلاشقا 32 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما Windows 8 نى قاچىلاشقا بولسا پەقەتلا 21 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك دەرىجە ئۆرلىتىشتە (213 مىڭ ھۆججەت، 77 قوللىنىشچان پروگرامما)، Windows 7 دا 131 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما Windows 8 دا بولسا پەقەت 42 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئېغىر دەرىجىدىكى دەرىجە ئۆرلىتىشتە ( 430 مىڭ ھۆججەت، 90 قوللىنىشچان پروگرامما)، Windows 7 دا 188 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما Windows 8 دا پەقەت 46 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجە ئۆرلىتىشتە، (1 مىليۇن 440 مىڭ ھۆججەت، 120 قوللىنىشچان پروگرامما)، Windows 7 دا 513 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما Windows 8 دا پەقەت 52 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن.

Windows 8 نى قاچىلاش جەھەتتە مىكروسوفت شىركىتى ئىككى خىل كىشىلەرنى ئويلاشقان. بىرىنچى تۈردىكىلەر بولسا، ھېچقانداق جاپا تارتمايلا سېستىمىنىڭ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار. يەنە بىر تۈردىكىلەر بولسا، سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلاپ، يېڭى قوراللار ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى قايتىدىن يېڭى رايۇنلارغا بۆلۈپ ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار.

Windows 8 نىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان نۇسخىسىدا ، بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ سىناپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

يېڭى سېستىمىنى ئۆلچەملىك DVD دىسكىسى ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولغاندىن سرت، يەنە مىكروسوفت ئابۇنىتېتلارنىڭ توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىشىگىمۇ يول قويىدۇ، ھەتتا توردا تۇرۇپ بىۋاستە سېستىمىنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. تور ئارقىلىق قاچىلاشتا ماس ھالدىكى مەھسۇلات قۇلۇپى ئېشلىتىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا  ئابۇنىتېتلارنىڭ قول ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتەك ئاۋارچىلىقلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئابۇنىتېتلار ماس قەدەملىك كونترول قىلىش ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلسا ،DVD ۋە U دېسكا ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، مىكروسوفت بىر تۈركۈم قوراللارنى ماسلاشتۇرۇپ قېتىپ، Windows 8 نىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇردى. Windows 8 نىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرۈلىشى Windows 7 گە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئاددىي بولىدىغان بولدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ