ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققدە چاقىرىق قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-04 16:25:33 جەمئى 1397 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققدە چاقىرىق قىلىندى

مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققدە چاقىرىق قىلىندى

3-ئىيۇل ئەركىن مالايسىيا گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يېڭى باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مالايسىيا يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
خەۋەردە مالايسىيا تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىنى ئاساس قىلىپ، «يېڭى مالايسىيا ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىدمۇ»تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رېجىمنىڭ تۈرلۈك ئىرقى كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، «مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا مالايسىياغا پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە، سابىق مالايسىيا باش مىنىستىرى ناجىب رازاقنىڭ مالايسىياغا قېچىپ كىلىپ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقى، بۇلار ئىچىدە خىتايدىن قېچىپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى بەرگەم «مۇساپىرلىق سالاھىيىتى»گە قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، بۇ ۋەقە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىدە مەڭگۈ بىر داغ بولۇق تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


ماقالىنىڭ ئاپتورى دېننس ئىگناتىيۇس ئەپەندى مالايسىيانىڭ سابىق ئەلچىلىك ۋەزىيپسىنى ھەمدە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ