ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايسىيا تېلېۋىزىيىسىدە خىتاي ئەلچىخانىسى خادىمى مات قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-12 20:02:54 جەمئى 1728 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيا تېلېۋىزىيىسىدە خىتاي ئەلچىخانىسى خادىمى مات قىلىند

 

9-فېۋرال ئىككىنچى قېتىملىق مالايسىيا زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنىڭ زىيارىتى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە.

تۆنۈگۈن كەچ مالايسىيە تېلېۋىزىيىسىدە بىۋاستە تارقىتىلىدىغان كۈنتەرتىپ پروگراممىسىغا مېھمان بولۇپ تەكلىپ قىلىنغان ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ناھايىتى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەردى.

نەق مەيدان پروگراممىسىدا سۆزلىنىۋاتقان ھەقىقەتلەر ئالدىدا ئولتۇرالماي قالغان خىتاينىڭ مالايسىيا ئەلچىخانىسى تەشۋىقات مەسئۇلى تېلېفۇن ئارقىلىق نەق مەيدانغا ئۇلىنىپ لاگېرلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى يېپىشقا ۋە بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم خىتاينىڭ سەپسەتىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن پاجىئەلەر بىلەن مىساللار بېرىش ئارقىلىق خىتاي دىپلوماتنى خەلقئالەم ئالدىدا مات قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ