<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايسىيا باش مىنىستىر نامزاتى ئەنۋەر ئىبراھىم: ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-13 17:43:47 جەمئى 1629 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيا باش مىنىستىر نامزاتى ئەنۋەر ئىبراھىم: ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس

مالايسىيا باش مىنىستىر نامزاتى ئەنۋەر ئىبراھىم: ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس

ئاخباراتچى دەنىيىل تەن كېيىت ۋە سوفىيە قەمەرۇددىننىڭ 12 سېنتەبىر بېلۇمبېرگ تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، مالايسىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى شۇنداقلا مالايسىيانىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئەنۋەر ئىبراھىم ،   ئاخبارات ئورۇنلىرىغا قىلغان سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس» دېگەن

ئەنۋەر ئىبراھىم مىيانمار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ چىنىڭ روھىڭگىيا خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئېچىپ تاشلاش بىلەن بىرگە،  خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە رەسمىي كۆرۈشۈش ئۈچۈن چاقىرىقى قىلدى

ئەنۋەر ئىبراھىم يەنە، خوڭ كوڭ بېلۇمبېرگ تېلىۋېزىيەسىدىكى سوفىيە قەمەرۇددىن بىلەن بولغان زىيارىتىدە مۇشۇ كۈنلەردە سۇ چىنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى ۋە بۇددىسلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنى قوللىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى جىنايەت ئۆتكۇزگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەتتىن ۋەزىپىسىنى بىر ياكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆتكۈزىۋېلىشكە كېلىشكەن ئەنۋەر ئىبراھىم خىتاينىڭ تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تىلغا ئالدى .بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

    ئەنۋەر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتايغا تىلغا ئالغىنىدا ، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇنى ئىچكى مەسىلە دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.  بۇنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىمىنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈرش ئۈچۈن يېڭى بىر چارە ئىىشلىتىشىمىز كېرەك دېگەنلەرنى تەكىتلىدى

ئەنۋەرئىبراھىم، ئاسىيادىكى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سۇيئىستىمال قىلغانلقىنى ئەيىپلىدى. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىىرىنى توختىتىشقا چاقىرىقى كۆپەيگەنسىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ھېندونۇزىيەگىچە بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئاۋاز چىقارمىغان

  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كۇئالا لامپۇر زىيارىتىدە مالايسىيانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتگە بولغان قوللىشىنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەشۋىق قىلغان ئامېرىكا مىللەت ۋەكىللىرىگە بولغان ئاگاھلاندۇرىشىنى تەكرارلايدۇ.

 مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ «ئۇلار قورقۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھېچكىم گەپ قىلالمايۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ