ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-11 10:00:31 جەمئى 1694 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى

مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: ئاللاھنىڭ پەزلى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 قېرىندىشىمىز 10- ئۆكتەبىر تۈركىيىگە يېتىپ كەلدى.
ئۆتكەن يىلى–20 نويابىر تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن 25 كىشى كامىرنىڭ ئارقا تېمىنى تېشىپ يوتقان كىرلىكلىرى ئارقىلىق تامدىن يامىشىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئچىدىن 14 كشى تايلاند چېگىرسىدىن ئۆتۈش داۋامىدا تايلانە ساچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولۇپ، 11 كىشى مالايسىياغا ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مالايسىيادا تۇتۇلۇپ قالغان  ئىدى.
خىتاي تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى مالايسىيا ساقچىلىرىنىڭ تۇتقانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇلارنى «ئەسەبىي، رادىكال، تېررورچى»دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە قىستىغان بولسىمۇ، بىراق ئاللاھنىڭ پەزلى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمىيەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبلىك ئىككى قېتىملىق سوتتىن كېين، مالايسىيا ھۆكۈمىتى 11 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تۆھمەت ئارتقاندەك تېررورچى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ سىياسى باستۇرۇشىدىن قېچىپ چىققان بىگۇناھ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى رەد قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ