ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مارالبېشىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي ھاكىمىيىتى سەۋەپچى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-11-18 20:34:01 جەمئى 2133 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 2 نەپەر ساقچىنىڭ ۋە 9 نەپەر پىدائىيلارنىڭ ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان،

مارالبېشىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي ھاكىمىيىتى سەۋەپچى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 2 نەپەر ساقچىنىڭ ۋە 9 نەپەر پىدائىيلارنىڭ ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، 16- نويابىر كۈنى 17 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان بىر گۇرۇپ ياش پىدائىيلارنىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە خىتاي ساقچىلىرىدىن 2 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىرقانچىسىنى يارىلاندۇرغان، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق نەتىجىسىدە، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىيلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇر خەلقى پۇرسەت تاپسا قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ھەر تۈرلۈك بېسىملىرى 28- ئۆكتەبىر كۈنى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تيەنئەنمىنگە ماشىنا بىلەن سوقتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا،  ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە تېخى مەكتەپ يېشىدىكى ياشلارنىڭ 16- نويابىر كۈنى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا  ھۇجۇم قىلىپ 2 ساقچىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن بىرقانچە كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچىلار 17 ياشتىن 23 ياشلار ئەتىراپىدىكى ياشلار بولۇپ، ئېتىلغان بالىلارنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نەدىن كەلگەن، ئىسىمى كىملىكى قاتارلىقلار تېخىچە ئېنىقلانمىغان، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقەنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ياكى بولمىسا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلاپ كەلمەكتە. بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە سائەت ئۆتە- ئۆتمەي ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى بىرەر ئورۇنغا باغلاپ بولاتتى، ئەمما بۇ قېتىمقى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. خەۋەردە يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلارنىڭ كىملىكى، نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىقلاپ بولالمىغانلىقى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى بۇ قېتىم ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولسا باشقا ۋەقەلەرگە قارىغاندا ياش چەكلىمىسىدە خېلىلا پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى چەتئەلدىن كىرگەن، ياكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار دېيىشكە باھانە تاپالماي ئۇلار تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدا سالاھىيەت كىملىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىملىكى تېخى ئېنىق ئەمەس دەپ تۈگەتكەن. پۈتۈن مەھەللىدە ئۇ ھۇجۇم قىلغان 9 پىدائىيلارنى تونۇيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار نەدىن كەلگەن، ئۇلارنى تونۇش ئۇياقتا تۇرسۇن كۆرگەنلەرمۇ بولمىسا قانداقلارچە بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟

تەييارلىغۇچى: پىداكار « شىۋېتسىيە »


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ