<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لىۋىيە تېرورلۇقنىڭ يېڭى بۆشىكىگە ئايلىنىپ قالامدۇ-يوق؟

 

 

لىۋىيە تېرورلۇقنىڭ يېڭى بۆشىكىگە ئايلىنىپ قالامدۇ-يوق؟

 

لىۋىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە بېسىقىپ بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قازافىي دەۋرى كەلمەسكە كەتتى. لىۋىيە بىلەن ئوخشاش تارىخى بار ئىراقتىمۇ بەزى ئەربابلار لىۋىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن كىلىپ چىقىدىغان بىخەتەرلىك بوشلۇقى تېرورچىلارغا قايتا تەشكىللىنىش ھەتتا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، داۋالغۇش بولىۋاتقان دۇنيادا يەنە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدەك ئەھۋال پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

باغدات ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىر سىياسىيشۇناسلىق پروفېسسورى بىر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: كېيىنكى قازافىي دەۋرىدىكى لىۋىيەنىڭ يەنە بىر ئىراق ياكى ئافغانىستانغا ئايلىنىپ قېلىش خەتىرى بار.

سادام ھۆكۈمىرانلىق قىلغان مەزگىلدە، بازا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئىراقتىكى پائالىيىتى ناھايىتى چەكلىك ئىدى. لېكىن سادام ئاغدۇرۋېتىلگەندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ھەربىي ساقچى قىسمىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورۇيىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، بۈگۈنكىدەك ئىراقتا زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى توختىماسلىقتەك ھالەتنى پەيدا قىلدى.

بۇ پروفېسسور يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ھوقۇق تۇتۇقاندىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. ئۆكتىچىلەر ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى تېزدىن ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشقان، ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت قۇرمىسا، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىيالىشى ناھايىتى تەس. قازافىي ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا غەرب ئەللىرىگە تايىنىش ئالامەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزى كونتىروللىقىدىكى دۆلەت ماشىنىسىنىڭ تېرورلۇق كۈچلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ھەرىكىتى ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدا خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى پايدىلىق ئىدى. ئۇنىڭ گۇمران بولۇشى تېرورلۇق كۈچلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى پاندورا سېھىرلىك قۇتۇسىنى ئېچىپ بەردى.

ئافغانىستاندىكى تالىبان ئىتتىپاقىغا ئوخشاش لىۋىيەدىكى ھەر قايسى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىمۇ ھەمكارلىق ناھايىتى ئاز ھەتتا زىددىيەت مەۋجۇت. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى دېگەن بۇ ئاتالغۇ مەلۇم جەھەتتىن چەتئەلنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇلارغا بەرگەن بەلگىسى. قازافىيغا قارشى ئۆكتىچىلەر لاگىرىدىكى ئوخشىمىغان قوراللىق كۈچلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر مەزھەپتىكىلەر ئۆز رايونى ۋە قەبىلە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى خالايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاقلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ لىۋىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. بۇ بەلكىم كەلگۈسىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ تېرورچىلار كۆرۈشنى خالايدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن.

ئىراق تۇلاس ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر سىياسىيشۇناسلىق پروفېسسورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى لىۋىيە مەسىلىسىدە ئاك فورماتسىيىسى ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەپەككۇر خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلىپ، لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرىنىڭ نەزىرىدە نامايىش دېموكىراتىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قازافىيغا قارشى تۇرۇش ئەركىنلىكتىن دېرەك بىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نامايىشچى قوشۇن ئىچىدە شۇنداقلا قازافىي بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوشۇن ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى كەلگۈسى بىخەتەرلىككە تەھتىت پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئاپەت بولۇش مۇمكىن.

لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر لاگېرىنىڭ سابىق ئالىي ھەربىي قوماندانى يۇنۇس 28-ئىيۇل ئۆكتىچىلەر لاگېرى بەنغازىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

تۇلاس ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى مۇنداق دەپ قارىدى: غەلبە ھارپىسىدا، قوماندان ھىچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق ئۆلۈپ قالدى. بۇ ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى ئىچكى كۈرەشنىڭ جىمجىت باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىچكى قىسمىدىن پارچىلانغان ھۆكۈمىران ئاپپارات دەل تېرورچىلار كۈچىيىپ كېتىدىغان تۇپراق.

لىۋىيەنىڭ تېرورچىلارنىڭ شادلىق بېغىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىراق ئالىملىرى لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بەردى:

بىرىنچى، ئۆكتىچىلەر ھوقۇق يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولغان قىسىم ئارىسىدىن سادام رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب گۈللىنىش سوتسىياللىستلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى تازىلاشتىن ساقلىنىش. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەنگەن، تەجىربىلىك قوراللىق خادىملىرىغا بىۋاستە ياردەم بەرگەن بولىدۇ. لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئامال بار قازافىينى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن سابىق ھەربىي ساقچى كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

ئىككىنچى، قازافىي ھەل قىلمىغان قەبىلە مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، نۇرغۇن قەبىلىلەر ئارىسىدا مەنپەئەت باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ جەھەتتە، مۇھىم مەسىلە نېفىت پايدىسىنى قانداق تەخسىم قىلىش. بۇندىن كېيىن، نېفىت كىرىمىنى تەخسىملەش زىددىيىتى دۆلەت ئىچىدىلا مەجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنى قوللاۋاتقان ھەر قايسى خەلقئارا كۈچلەرگىمۇ چېتىلىدۇ. بۇ زىددىيەتلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، لىۋىيەنى رايون بىخەتەرلىكىدىكى يېڭى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، ئامال بار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىش كېرەك. لىۋىيە ۋەزىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياۋرۇپا ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئالدىراپ تىنەپ ئايرىلدى. لىۋىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غەربنىڭ بەلگىسىنى سويۇپ تاشلاپ، تېرورچى كۈچلىرىنىڭ ئۆز چېگرىسىدە غەرب ئەللىرىگە قارشى سەۋەبلەر بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشقا باھانا ئىزدىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.

مەنبە: تەرجىمە ماتېرىيال

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ