ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېر خىزمەتچىسى: تەربىيىلەش مەركىزى بىر تۈرمە...


لاگېر خىزمەتچىسى: تەربىيىلەش مەركىزى بىر تۈرمە...
5- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، زىمىستان تورى مۇخبىرى لىزەيلى خىتاي « تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئورۇننىڭ خىزمەتچىنى زىيارەت قىلغاندا، خىزمەتچى: تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش مەكىزىي بىر تۈرمە» دېگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان غۇلجىنىڭ قورغاس ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى مەلۇم لاگېرنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان لاگېردا 18 ياشتىن 70 ياشقىچە 12000 تۇتقۇننىڭ قامالغانلىقىنى، ئۇلار ئىچىدىكى 8000 كىشىنىڭ ئەر، 4000 كىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ خانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئاز ساندا قازاق بىلەن خەنزۇنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر گۇرۇپپىدا 60 ئەتراپىدا تۇتقۇن بار ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنى دىنغا قارشى مەزمۇندىكى ماتىرياللارنى ئۇگىنىشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىزمەتچى مۇخبىرغا يەنە، بىر قانچە ئايدىن بىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى بىراق قويۇپ بېرىلىدىغانلارنىڭ يوق بولىشى سەۋەبىدىن لاگېرغا تۇتقۇنلارنى سىغدۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن ھازىر غۇلجىدىكى باشقا قۇرلۇشلارنىڭ ھەممىسى توختۇلۇپ، ئاساسلىق كۈچنى لاگېر قۇرلۇشىغا ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتايلار « تەبىيىلەش ئۆزگەرتىش مەركىزى » دەپ ئاتىۋالغان ئورۇنلارنىڭ تۇرمىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى، لاگېر ئىچىدىكى تۈرمۇش شارائىتىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇسساپ قالغان تۇتقۇنلار سۇ تەلەپ قىلسا گۇندىپايلار پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى،بەزى ۋاقىتلاردا ھورنان بىلەن قوشۇپ بېرىلىدىغان كۆكتات سۈيىنىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ