ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (6)

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (6)
ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىملار ۋە مەسجىد-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازالىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
1. ئابدۇللاھ داموللام، مىچۈەن چوڭ مەسجىدىنىڭ خاتىپى، ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى ئىككى يىل ئىلگىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ تۈرمىدە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان.
2. ئابدۇلفەتتاھ داموللام، ئۈرۈمچى خۇرۇم زاۋۇتى مەسجىدىنىڭ خاتىپى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى 2017-يىلىنىڭ ئاخىردا سەۋەبسىز تۇتۇپ كەتكەن.
3. ئابدۇۋېلى قارىھاجىم، تۇرپاندىن، ئۈرۈمچى سايباغ مەسجىدىنىڭ ئىمامى. 2017-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ