ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (4)

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (4)
ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاچقان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۆلىمالارنىڭمۇ «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» باھانىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
1. ئىككىنچى رەت ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى شىھابىدىن داموللام، قەشقەردىن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىسى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىققا تاللانغان، مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئەسەبىي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا سولانغان.
2. ئىككىنچى رەت ئوڭدىن بەشىنچى كىشى ياقۇپجان داموللام، كورلىدىن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى. خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغان. ئىككى يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان.
3. ئىككىنچى رەت ئوڭدىن ئالتىنچى كىشى ئالىمجان دەمدەرى، قەشقەردىن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇمۇ 2017-يىلى «ئەسەبىي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا قامالغان.
4. ئالدىنقى رەت ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى مۇھەممەد نىياز قاراجىم، كورلىدىن، مەدىنە ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ تەپسىر ئوقۇتقۇچىسى. ئىككى يىلدىن بېرى «ئەسەبىي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ