ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېردىكى قەتلىئامغا شاھىد بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-10 12:14:15 جەمئى 1689 قېتىم ئوقۇلغان.

لاگېردىكى قەتلىئامغا شاھىد بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىندى

لاگېردىكى قەتلىئامغا شاھىد بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىندى

9- ئۆكتەبىر قازاق خەۋەرلەر تورى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى» نامىدىكى جازا لاگېردا خىزمەت قىلغان ۋە لاگىردىكى قورقۇنچلۇق قىيىن -قىستاقلارغا، خورلۇقلارغا، قەتلىئاملارغا شاھىد بولغان ئوقۇتقۇچى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قىغان پاناھلىق ئىلتىماس رەت قىلىنغان.
شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاي زۇلۇمنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان يەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى» نامىدىكى جازا لاگېردا خىزمەت قىلغان ۋە لاگىردىكى قورقۇنچلۇق قىيىن قىستاقلارغا، خورلاشلارغا، قەتلىئاملارغا شاھىد بولغان ئوقۇتقۇچى سايراگۈل ساۋاتباي قىزى ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قازاق بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تەرىپىدىن چەتئەلگە چىقىشى چەكلىنىپ پاسپورتى ئېلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىلگىرى ئىككى بالىسى بىلەن يولدىشى ئىلتىجا قىلغان قازاقىستانغا قارا يوللار ئارقىلىق قېچىپ چىققان ئىدى.
خىتاينىڭ سايراگۈل ساۋۇتباي قىزىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش ھەققىدىكى تەلىپى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ، قازاقىستاندىكى ئاتا يۇرت جەمئىيىتى، قازاقىستان سوت مەھكىمىسى ھەمدە قازاق خەلقى خىتاي رەجىمنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىمىغا قارىشى ئىككى ئاي كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، قازاقىستان ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ سايراگۈل ساۋۇتباي قىزنى بۈگۈن قازاقىستان كۆك بايرىقى ئاستىغا ئېلىپ، قازاقىستان سوتى سايراگۈل ساۋۇتباينى ئالتە ئايغىچە قازاقسىتاندىكى ئائىلسىدە نازارەت قىلىش شەرتى بىلەن گۈناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن ئىدى.
شۇ مەزگىللەردە سايراگۈل ساۋۇتباي قىزىنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئابلاز قۇسمان قازاقستان ھۆكۈمىتىگە سىياسى پاناھ ئىلتىماسى قىلغان. لىكىن 9- ئۆكتەبىر بۇ ئىلتىماس قازاقىستان تاشقى ئىشلار ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندا رەد قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسمۇ بىراق سەۋەبىنى سۆزلىمىگەن.
سايراگۈل ساۋۇتباي قىزىنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئابلاز قۇسماننىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، سايراگۈل ساۋۇتباي قىزىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلشى ئۈچۈن، ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئىلتىماسنى رەد قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدە ب م ت غا ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ