ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېردىكى تۇتقۇنلار مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان

لاگېردىكى تۇتقۇنلار مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان
30- سىنتەبېر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارا بولدى.
زىمىستان تورى ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ غۇلجا شەھىرى قازانچى قول توقۇمىچىلىق سانائىتى بازىسىنى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، سانائەت بازىسىدا 16 دوم بىنانىڭ بارلىقى، يېقىندا 800 دەك 45 ياشتىن يوقۇرى ئاياللارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرگەنلىكى، ئۇلارغا ۋاقىت بېكىتىلمىگەنلىكى، لاگېرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ قاتتىق ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.
زىمىستان تورى مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىندا ئېگىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يىڭدىن لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتكەن قازانچى قول سانائەت بازىسىدا ياستۇق تېكىش، كىيىم – كېچەك تىكىش، تورت ياساشتىن ئىبارەت ئۈچ كارخانا قۇراشتۇرۇپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ھەقسىز ئەمگەككە مەجبۇرلاشقا باشلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەر مۇخبىرغا :2017- يىلى 7- ئايدا ئۆزنىڭ ئايالىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، يېقىندا ئايالنىڭ قازانچى قول سانائىتىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، ئۆز ۋاقتىدا خىتاي دائىرلىرى ئايالىنى 15 كۈن ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ بىراق ئايالىنىڭ ھازىرغىچە لاگېردىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارلىغان.
60 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال كۆز يېشى قىلغان ھالدا مۇخبىرغا: ئۆزىنىڭ ئىككى قىزىنىڭ لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن قازانچى قول سانائەت بازىسىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ