ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېردىكى بالىلار قاتتىق نازارەت قىلىنماقتا

لاگېردىكى بالىلار قاتتىق نازارەت قىلىنماقتا
30- سىنتەبېر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتا- ئانىسى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان پەرزەنتلەرنى قاتتىق باشقۇرغان.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا- ئانسى لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىنىپ پەرزەنتلىرى ئىگە- چاقىسىز قالغان بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى مۇخبىرغا: خىتاي دائىرلىرى يېقىندىن بىرى ئىگە- چاقىسىز قالغان بالىلارنى يېغىۋېلىش ئۈچۈن «مەكتەپ» نامىدا يېغىۋېلىش ئورۇنلىرىنى سېلىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتايچە ئۆگىتىشكە باشلىغانلىقىنى، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيسىدە 2000 غا يېقىن ئاتا- ئانىسى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «بالىلار باغچىسى»، « بالىلار يەسلى» دېگەن نامدىكى لاگىرلارغا يېغىۋىلىنغانلىقىنى، « شىنخۇا مۇھەببەت بالىلار يەسلى» دەپ ناما بېرىلگەن بالىلار لاگېرىغا 1 ياشتىن 3 ياشقىچە 150 بالا يېغىۋېلىنغانلىقىنى ، « يۈدۇ مۇھەببەت بالىلار باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن بالىلار لاگېرىدا 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بالىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
بالىلار لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېغىۋىلىنغان بالىلار قاتتىق بېكىنمە مۇھىت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، دەرۋازىنىڭ دائىم تاقاق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، تاملاردا تىكەنلىك سىمنىڭ كۆپلىكىدىن خۇددى تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، يېغىۋىلىنغان بالىلار قورو ئىچىدىلا ھەرىكەت قىلىپ سىرتلارغا چىقىرىلمايدىغانلىقىنى، بالىلار لاگېردىكى ئاتا- ئانىلىرى بىلەن پەقەت بىر ئايدا بىر قېتىم تېلېڧۈن ئالاقىسى قىلىشا روخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانسى بىلەن تېلېڧۈن ئالاقىسى قىلغاندا يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغلايدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
خەۋەردە يەنە، لوپ ناھىيىلىك ئۈچىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە 7 ياشتىن 16 ياشقىچە بالىلارنىڭ يېغىۋىلىنغانلىقى، « مەكتەپ » دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇننىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تام بار بولۇپ، مەكتەپ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىغا تۆمۈر توسۇقلارنى قويۇپ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى، مەكتەپ يېنىغا يېقىن بېرىشىقا بولمايدىغانلىقى، مەكتەپ ئۇدۇلىدا ساقچى دۈجۈرنى ئۆيىنىڭ بارلىقى، ساقچىلار مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتكەنلەرنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ساقچىلار مەكتەپنىڭ ئەتراپىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ