ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم

كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم

(تەرجىمە ئەسەر)

    ئۇرۇشنىڭ ئەڭ قانلىق كۈنلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەسكەر ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ بىر ئاز ئالدى تەرەپتە قانلار ئىچىدە يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن ئوقلىرى خۇددى يامغۇردەك يېغىۋاتقان بولۇپ، ئىستىھكامدىن باش چىقىرىش ئىمكانى يوق ئىدى.

    ئەسكەر قوماندانىغا:

     قوماندانىم، بىر يۈگۈرۈپلا  بېرىپ ئاغىنەمنى ئېلىپ كىلەيمۇ؟

    قوماندان ئەسكەرگە ھەيرانلىق ئىچىدە قارىدى، كۆڭلىدىن- كاللاڭ جايىدىمۇ، دېگەن سوئال ئۇچۇپ ئۆتتى، قوماندان ئەسكەرگە تەكرار قارىدى...

    - ئوغلۇم بېرىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ئاغىنەڭنىڭ بەدىنى ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتتى، قارىغاندا ئۆلگەندەك تۇرىدۇ. ھاياتىڭنى خەتەرگە ئېتىشقا بولمايدۇ!

    ئەمما ئەسكەر شۇنداق قاتتىق يالۋىرىپ تۇرۇۋالدىكى، قوماندان دىققەت بىلەن ئەسكەرگە سەپ سېلىپ قاراپ چىقتى، ئاخىرى رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر  بولدى.

    - قېنى كۈرەيلى، دېدى قۇماندان.  

    ئەسكەر كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمىغىدەك ئوق يامغۇرى ئاستىدا ئىستىھكامدىن سەكرەپ چىقىپ، ئاغىنىسىغا قاراپ ساداقتىن چىققان ئوقتەك ئېتىلدى. بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ئىش بولدى. ئەسكەر ئاغىنىسىنىڭ يېنىغا سالامەت باردى ۋە ئاغىنىسىنى يۈدۈپ ئىستىھكامغا ئېلىپ كەلدى.

    قوماندان يۈگرەپ كېلىپ يارىدار ئەسكەرگە قاراپ چىقتى ۋە نەپىسى يېتىشمەي بىر بۇلۇڭدا

ئولتۇرۇپ قالغان ئەسكەرگە قارىدى:

    - ساڭا ھاياتىڭنى خەتەرگە ئېتىشقا ئەرزىمەيدۇ دېگەن ئىدىمغۇ؟ ئاغىنەڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپتۇ...

    ئەرزىدى قوماندانىم، ئەرزىدى! دېدى ئەسكەر، ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ،

    - قانداق ئەرزىدى، ئاغىنەڭ ئۆلۈپ بوپتىغۇ، كۆرمىدىڭمۇ؟ ...

    يەنىلا ئەرزىدى قوماندانىم، چۈنكى مەن يېنىغا بارغان ۋاقتىمدا ئۇ تېخى ھايات ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاش مەن ئۈچۈن دۇنيالارغا بەدەل ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ، ئاخىرقى نەپىسىدە، «مەمەت، كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم!» دېدى قوماندانىم.

   ئەسكەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان قوماندان ۋە ئەتراپىدىكى ئەسكەرلەر قاتتىق تەسىرلەندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكەرگە قاراپ كۆز يېشى قىلىشتى.

   ئەسكەر ئىچ- ئىچىدىن ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاغىنىسىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تەكرارلايتتى:  

    - «مەمەت، كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم!»

    كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم!.

    تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ