ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كۈچۈكچەكمەجەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-11 16:20:17 جەمئى 1765 قېتىم ئوقۇلغان.

بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

كۈچۈكچەكمەجەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 10-فېۋرال بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىدا ياشاۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە، لاگېرلاردا شەھىد بولغان ئۆلىمالارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتۈرگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر سەفاكۆيدىكى جەننەت مەھەللىسى، فىلورىيە قاتارلىق ئورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشۇردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ