ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئۇيغۇرلار ۋە شىمالى كافكازلار مەسىلىسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-05-08 10:44:04 جەمئى 23646 قېتىم ئوقۇلغان.

كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئۇيغۇرلار ۋە شىمالى كافكازلار مەسىلىسى

كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئۇيغۇرلار ۋە شىمالى كافكازلار مەسىلىسى

تىرىلىش پوچتىسىنىڭ 5- ماي كۈنىدىكى سەھىپىسىدە يۈجەل ئوغۇرلۇنىڭ «كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئۇيغۇرلار ۋە شىمالى كافكازلار مەسىلىسى» تېمىسىدا ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئىستىقلال تورى تەرىپىدىن قىسمەن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

خىتاي كومىنىس دائىرلىرى تۈركىيە، مىسىر، ياپۇنىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىلا خىتايغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ياكى شەخسىيتىدە ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىغا قارىماستىن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىلىرى مەجبۇرى سىياسى ئۈگۈنۈش ئېلىپ بارىدىغان لاگىرلارغا ئېلىپ كىلىنىپ،  چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا.

بۇنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىق تەرىپى شۇكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايغا قايتقان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە بىرەر جىنايەتنىڭ ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە كۆرۈشمەيدۇ. ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىغا خەۋىپ يىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھېچقانداق جەمئىيەت ياكى ۋەقپىلەر تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ. ھەرقانداق سىياسى تۇس ئالغان ئورگان ياكى پائالىيەتتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا ئۇلار بىلەن ناخشا كېچىلىكلىرى، خەلق پائالىيەتلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇنداق ئورۇنلارغا كىلىشتىن ئۆزنى تارتىدۇ. چۈنكى ئۇلار خىتاي تەرپىدىن بۇنىڭ  «ئۇيغۇرلارنىڭ بىر سىياسى ھەركىتى» دەپ چۈشىنىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن تۈركىيەدە  بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قانچىسىنىڭ بىر يەرگە كىلىپ سۆھبەتتە بولغىنىنى ياكى  ھال-مۇڭ بولۇشقىنىنى ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدۇ.

بۇ ئەھۋالدا خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتەنلىرىدە ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە ئاسمىلاتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ۋە ھەر نەرسىلىرىنىڭ رۇئايە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. پەقەت بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئەينەن دىيىش كىرەك. چەتئەللەرگە خىتاينىڭ رەسمى رۇخسىتى بىلەن چىققان ۋە چەتئەللەردە ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن بولىۋاتقان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى خۇددى تېرورچىدەك مۇئامىلىگە  ئۇچرىماقتا. پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭدەك تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنى كۆرمەسكە سالماقتا ياكى ئىچىگە تىنماقتا.

تۈركىيەدە تەخمىنەن 1500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئائىلىلىرى خىتاي تەرىپىدىن  سىياسى«يىغىۋېلىش لاگىرلىرى»دا تۇتقۇن قىلىنغان بولغاچقا ۋەتەنگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار خىتايغا قايتقاندىن كىيىن ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشىگىلا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئائىلىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمەستىن  بىۋاستە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئېلىپ كىتىلگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. ھەتتا بۇ بالىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ھېچقانداق سۇئال-سوراقسىز ياكى قانۇنى رەسمىيەتلەر بولمىغان  ئەھۋالدا، ئەدلىيە سوت ئورۇنلىرىغا سۇنۇلماستىن مۇددەتلىك قاماقلارغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ «بۇلارنىڭ كاللىسىدا تېرورلۇق ئېڭى مەۋجۇد» دىگەن تۆھمەتلەر بىلەن جىنايەت ئارتىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرگە شاھىد بولىۋاتىمىز. مىسىردىكى 5 مىڭ ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ 3 مىڭى خىتاينىڭ مىسىر دائىرلىرىگە قىلغان بېسىمى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تېلېفۇندا سۆزلىشىش جەريانىدىكى يىغا-زار ئىچىدە ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ئۆتۈنۈپ يالۋىرىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتقانلىقى ۋە ھەممىسىنىڭ سىياسى ئۈگۈنۈش نامىدىكى لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئاڭلاۋاتىمىز.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن قەتئى ئۆزىنى تارتىدۇ. ئائىلىلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە بېشىغا كىلىش خەۋپى بولغان ھەر تۈرلۈك مۇسىبەتلەردىن ئەندىشە قىلغان ھالدا ھېچنەرسىنى بىلمەس بولىۋېلىپ سەبىر بىلەن چىداپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ يېرىم ئەسىردىن بىرى سىياسى جىنايەت بىلەن قارىلانغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مال-بىساتلىرىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىسىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر بولمىغان بىر ئىش. بىزنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشىمىز ياكى شىكايەت قىلىشىمىزنىڭ ھېچبىر ئۈنۈمى يوق، پەقەت  مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن پىكىر قىلىشىمىز كىرەك.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا قارىتىۋاتقان بۇ خىل  سىياسەتلىرىنى شۇنداقلا بىر سىياسى مەسىلە دەپ چۈشەنمەستىن  بەلكى بۇنى پۈتۈنلەي  كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قاراپ، دۇنياغا بۇ شەكىلدە ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش كىرەك. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ۋە ئەركىنلىكنىڭ قوغدىلىنىشى ۋە بۇ خىلدىكى جىنايەتلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

ئىككىنچى قىلىپ، رەسمى ھالەتتە 12 مىليۇن، غەيرى رەسمى ھالەتتە 25 مىليۇندىن ئارتۇق بولغان ئويغۇرلارنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك بىر تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ  ئوخشاش مەدەنىيەت ۋە ئىتىقادقا  تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.

خىتاي بىلەن بولغان سودا-تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق  مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆزىنى يۇمۇپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە سۈرىيەلىكلەر  قانچىلىك ئەتىۋارلانغان ۋە  ئۇلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىرىلگەنگە ئوخشاش، ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ ئاز ھىساپلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەڭ  كېمىدە شۇلاردەك ئىمتىياز بىلەن بولسىمۇ تۈركىيەدە ياشاش ھوقۇقى باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە  تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ۋە ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشى قەتئى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كىرەك.

 خىتاي دائىرلىرى قايتىپ كەلمىگەنلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۆچۈرىلىدىغانلىقىنى، پاسپورتلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىد سېلىپ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا  كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ساقچى ئورۇنلىرى نىمە قىلىشلىرى كىرەك؟  ئالدى بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا پاسپورتنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى ئالالماسلىقى ، شۇنداقلا بۇ سەۋەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماسلىق خەۋپىنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتقانلىقىغا دىققەت بىرىش كىرەك. بۇ ئەھۋالدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ساقچى ئورۇنلىرىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ۋە  داۋاملىشىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشى كىرەك.

ئۇندىن باشقا 20 يىلدىن بىرى تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان ئەمما  نە نوپۇسى ياكى ئىقامىتى بولمىغان مىڭلىغان شىمالى كاۋكازلىق (چىچەن، ئىنگۇش، داغىستان، قاراچاي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا)لارمۇ بار. ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى ئائىلىلىرى بىلەن بۇ يەردە ياشىماقتا. بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ئۇلارغا پەقەت ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىرىۋاتىمىز. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئىمكانىيەتلەرنى ئۇلارغا تېخى بىرىپ باقمىدۇق. قوللىرىدىن ئىش كىلىدىغان، ئائىلىلىرىنى قامداشتىن باشقا  دەردى بولمىغان غورۇرلۇق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ھالى بىلەن تاشلاپ قويدۇق. داۋالىنىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلار قۇلاي پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلمىدى. ئەگەر بىز ئۈممەت دەيدىغان بولساق قىلىنىۋاتقان ئىشلار جەنۇپتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەنلا توختاپ قالماسلىق كىرەكلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن. ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن چۈشىنىدىغان بولساق بۇ تەلەپلەرنىڭ پۈتۈن مەزلۇملارغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىمىز.

ياۋرۇپاغا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن ئۇيغۇرلار ۋە كاۋكازلىقلار ئالدى بىلەن مۇساپىرلار لاگىرلىرىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەلۇم مىقداردا مائاش بەلگۈلىنىپ،  تۇرمۇشى ۋە بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەقلىرى  ئۈچ يىل ئەتراپىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئۈچ يىلدىن كىيىن بولسا ئۆلچەمگە چۈشكەنلىرىگە ئىشلەش رۈخسىتى بىرىلىپ، ئىش ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. نىمە ئۈچۈن بىز  كاۋكازلارغا ياكى شۇ قەدەر ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان ئۇيغۇر ياكى ئۆزبىكلەرگە ۋەتەنداشلىق بىرىشقۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇلار ئۈچۈن خەلقئارلىق مۇساپىرلار ھوقۇقىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلمىدۇق. بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز پۇتۈن ئائىلىلىرى بىلەن قوشۇلغاندا 30-40 مىڭغا يەتمەيدىغان، ھەممىسى ئونۋېرىستېت ئوقۇغان ۋە ئىككى ئۈچ تىل بىلىدىغان، قولىدىن ئىش كىلىدىغان كىشىلەردۇر.

شىمالى كاۋكازدىن كەلگەنلەرنىڭ قىسمەتلىرى باشقىلاردىن سەل پەرقلىق، ئۇلار خالىغان ۋاقىتلىرىدا   ئۆز ۋەتەنلىرىگە بارالايدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاش جىنايەتچىلەردەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بۇ كىشىلەر ياخشى بىر موھىتتا ياشاش ئۈمىدى ياكى ئىتىقادىغا ئۇيغۇن بولغان موھىتتا ياشاش مەقسىدى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. بىر قىسىملىرى بولسا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئاخىرىدا قايتىش ئىمكانىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەردۇر.

ساقچى ئورۇنلىرى  بولۇپمۇ كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىشى، ھەمدە بۇنى ئىنسانى ۋە مىللى بىر مۇئامىلە سۈپىتىدە كۆرىشى كىرەك.

رېينا ۋەقەسىگە ئوخشاش تىراگدىيە سەۋەبىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى جىنايەتچى دەپ تونۇيدىغان ھەركەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى توختىتىلىشى،  بۇنىدەك توزاققا دەسسىمەسلىكىمىز لازىم.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ