ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كۆزنى ئاسراش

كۆزنى ئاسراش

 

ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلايدىغاندا ئىپار بىلەن خۇشبۇيلانغان سۈرمىنى كۆزگە سۈرۈشكە بۇيرىغان ۋە روزىدار بۇنىڭدىن پەرھىز قىلغاي دېگەن.

‹ئىبنى ماجە› دە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرمىسى بار ئىدى، ھەر بىر كۆزىگە ئۈچ قېتىم سۈرمە سۈرەتتى.

‹تىرمىزى› دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزىگە سۈرمە تارتسا ئوڭ كۆزىدىن باشلايتتى، ئوڭ كۆزىگە ئۈچ، سول كۆزىگە ئىككى قېتىم سۈرمە تارتاتتى.

‹ئەبۇ داۋۇد› تا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سۈرمە تارتقان ئادەم تاق (جۈپ ئەمەس) سۈرمە تارتسۇن .

بۇ يەردىكى ‹تاق› ئىككىلا كۆزنى قوشقاندىمۇ ياكى ھەر بىر كۆزگىمۇ؟ بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئىككى خىل كۆز قاراشتا.

سۈرمە- كۆزنى ئاسرايدۇ، نۇرنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە يورۇق قىلىدۇ، ناچار ماددىنى يۇمشىتىدۇ، ناچار ماددىلارنى چىقىرىش بىلەن كۆزگە (چىرايىغا) زىننەت بولىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

ئۇخلايدىغاندا سۈرمە سۈرسە ناھايىتى پايدىلىق، چۈنكى كۆز ئۇ ۋاقىتتا پايدىسىز ھەرىكەتلەردە بولمايدۇ، تەبىئىتىمۇ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ، سېنىكتىن ياسالغان سۈرمىنىڭ خاسىيىتى كۆپ.

‹ئىبنى ماجە› دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «سېنىكنى ئىشلىتىڭلار، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، چاچنى ئۆستىرىدۇ».

ئەبۇ نۇئەيىمنىڭ كىتابىدا: سېنىك چاچنى ئۆستۈرىدۇ، پاسكىنا نەرسىلەرنى يوقىتىدۇ، كۆزنى ساپلاشتۇرىدۇ دېيىلگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى سۈرمە سېنىكتۇر، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، چاچنى (كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ)».

 مەنبە: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ