ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شۇنداق، ۋەتەندە قىز-ئاياللىرىمىز نامەھرەم جايلىرىنى يېپىپ يۈرۈش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئەركىنلىك ئىستەپ

كىيمىڭلارنى كىم سالدۇرىۋەتتى؟؟؟

 نەشتەر    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى يار بولسۇن!دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقارالىق دوستلۇق، ھەمكارلىق، قېرىنداشلىق ئۇچرۇشىشى نىڭ خاتىرە رەسىملىرىنى كۆرۈپ دىلىم سۆيۈندى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى يولىدا بىر نىيەت، بىر مەقسەدتە مەھكەم ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغۋا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقىشىنى ھەممىگە قادىر، مىھرىبان ئاللاھتىن تىلەيمەن.بۇ خاتىرە رەسىملىرىدىن دىلىم سۆيۈنۈش بىلەن بىللە، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى.نىمە ئۈچۈن؟    بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ۋەتەندىكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان مۇنۇ قىسمەن ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ ئۆتەي. ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا روزا ھېيتقا ئاز قالغان مەزگىل ئىدى. بىر دوستۇمنى ساقلاپ تۇرسام، ئۇ سەل كېچىكىپ كەلدى. مەن ئەھۋالىنى سورىغۇچە، ئۇ ماڭا: ئاداش، بۇلار(خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى) بىزنى بىر ئىش چىقارسۇن، نارازىلىق قىلىپ، بىرەر ھەرىكەت قىلسۇن دەيدىغان ئوخشايدۇ. دەيدۇ. مەن:نىمە بولدى؟ دەپ سورىسام، پالانچى بازاردا ساقچىلار ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا، ئۈستى-بېشىنى يېپىپ كىيىم كىيگەن قىز-ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى كوچىدىلا تارتىپ سالغۇزىۋىتىپ بارىدۇ، قارشىلىق قىلغانلارنى ماشىنىدا ئېلىپ ئەكەتتى. بۇنداق قىلىۋەرسە بىز يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاق، سىياسىتىمىز ئادىل دەپ ياشاۋىرىمىزمۇ؟ پىچاق گۆشتىن ئۆتۈپ، سۆڭەككە تەگسە، يەنە بىر ئىشلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بۇلار بىلمەمدا؟ بۇ ئۇلارنىڭ قەستەن بىر ئىش چىقىرىشىمىزنىئىستەۋاتقىنى بولماي نىمە؟... دەپ قايناپلا كەتتى.      شۇنداق، ۋەتەندە قىز-ئاياللىرىمىز نامەھرەم جايلىرىنى يېپىپ يۈرۈش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئەركىنلىك ئىستەپ چەتئەلگە چىققان، دېمۇكراتىيەلەشكەن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشلىك ھوقۇق، دىنى ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزغا نىمە بولغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى كىم سالغۇزىۋەتكەندۇ؟ بىر ھەدىستە بايان قىلىنىشىچە، مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۈممەتلىرىگە مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، بىر ئايالنىڭ سەۋەبىدىن ئۈچ ئەر دوزاققا كىردى. بىرسى ئاتىسى، بىرسى ئاكىسى، بىرسى ئۇنىڭ ئېرى. چۈنكى ئاتىسى قىزىنى ئوبدان تەربىيىلىمىدى،ئۇنىڭغا كىچىگىدىن تارتىپلا مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىنى سىڭدۈرمىدى، ئاكىسى ۋە ئېرى ئۇنىڭ كوچا-كويلاردا خالىغانچە كىيىنىپ يۈرىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئىسلام ئەنئەنىسىنى بىلمەيدىغان بۇ ئايالمۇ ھېچكىمدىن ھايا قىلمايدىغان دەرىجىدە ئوچۇق يۈرەتتى، ئۇنىڭ نۇمۇسلۇق جايلىرى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى... (ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇنچىلىك). دېمەك قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ قانداق يۈرىشىدە بىز ئەرلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار!!!    مانا بۇ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقارالىق دوستلۇق، ھەمكارلىق، قېرىنداشلىق ئۇچرۇشىشى خاتېرە رەسىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولغانقنىڭ سەۋەبى.     مەن ئويلاپ قالدىم، بۇ قىز-ئايللىرىمىز ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى، (بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئۇلارغا رەھمەتلەر تىلەيمەن!). ۋەتەننى، مىللەتنى كىچە-كۈندۈز ئويلايدىنغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ قويسۇن!!! ئاللاھنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، دىلىمىزدىن ئىماننى، ھايانى قوغلىۋەتمەيلى.ئىمان، ئېتىقادىمىز بىلەن، ئىش قىلساق، ئاللاھ ياخشى نەتىجىلەرنى بەرگۈسى...كىيىمنى مودا قىلىپ كىيىڭ، ئەمما ئەركەكلەرنىڭ ئاسانلا كۆزى چۈشىدىغان جايلىرىڭىز ئوچۇق قالمىسۇن. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇڭ! ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سا’ئادەتنىڭ ئاچقۇچى!بۇ ئۇلانمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.Http://www.Islamhouse.Com/p/322302Http://www.Islamhouse.Com/gp/227841ئونبىر يىلنىڭ ئالدىدا، ۋەتىنىمىزدىكى مەلۇم بىر شەھەردە تۈفى ناملىق ۋەزىنى ئىنتايىن ئېغىر، زەربىسى ناھايىتى قاتتىق بىر مۇخەممەس تەشۋىق ۋاراقىسى شەكلىدە تارقالغان،(كېيىن ھۆكۈمەت بۇنى چەكلىگەن)ئاھانىتەي ئۇيغۇر قىزى ئۈستى-باشلىرىڭغا تۈفى،پۇل ئۈچۈن كەڭرى ئېچىلغان ئىشقى دەرۋازاڭغا تۈ فى،......كۆكسىڭىزنىڭ يېرىمى ئوچۇق، يوق دىيەرلىك كوپتىڭىز،بىلمىدىم مايمۇنمۇ سىز، بارماقچە باردۇر يوپكىڭىز.................؟ئويلىشىپ كۆرۈڭلار ئاچا-سىڭىللار، كىيمىڭلارنى كىم سالدۇرىۋەتتى؟؟؟!!! 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ