ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىم ھەقىقىي ئالىم؟
 

زادى كىم ھەقىقىي ئالىم؟

     ئىلىمنى ھەقىقەتلەپ ئاندىن ئۈگۈتۈپ ئاندىن ئەمەل قىلسا، بىرلا ئىلىمدا چەكلىنىپ قالماي، كۇللى ئىلىمغا تۇتۇش قىلسا، ئىلىمنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلسا، مانا بۇ كىشى ئالىم، بۇ ئالىم بىلسە سۆزلەيدۇ، بىلمىگەننى ئالمىغا تاپشۇرىدۇ. مەنلا ئالىم دەپ باشقىلارنىمۇ بىلسە كېرەك. دېمىگەن كىشى ئىختىلاپ بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، جىدىلى تۈگىمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ، باشقىلارنىڭمۇ بىلىشىنى ئىنكار قىلدى ـ دە! ئۆزى باشقىلار بىلگەننى بىلمەي، ئىختىلاپ قىلىۋېرىدۇ، ئاخىرى ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ دۆتلەشتۈرۈپ، ئۆچ ـ ئاداۋەكە كىرىپ قالىدۇ، مەڭگۈ قايىل بولماي، گۇماندا قالىدۇ، ماياندىن سۆزلىسە ئۇياندىن سۆز ئېچىپ، تەپەككۇر تېمىسىنى بۇرمىلايدۇ، بۇنداق كىشى ئىلىمغا، تەپەككۇرغا، ئوقۇشقا، ھەتتا مۇنازىرە سۆھبىتىگە لايىق ئەمەس.قۇرئان قىسسىلىرىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم، دۇنياۋى، خەلقئارا پايلاسوف، ھۆكما، ئالىملارنىمۇ ھەيران قالدرىدۇ، ھەرقانداق بىر پەيلاسوف داڭلىق ئالىم، بۇ گۆھەردىن پايدىلانغان، ھەممىنىڭ سۆزلىرى، مول بىلىملىرى، ھېكمەتلىرى، قۇرئان، بولۇپمۇ قىسسە، تارىخدىكى ئىبرەت ئالدىدا نۆلگە تەڭ.بىز قىسسىدىن ئېلىنغان يۇقىرقى ھۆكۈمگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز، راستىنلا مىھنەتدىن كېين سەۋرە قىلىپ ئاندىن كېيىن تەمكىنلىككە ئېرىشىمىز، بۇنى پەقەت قىسسە، تارىخقا نەزەر سالغان، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغان كىشىلەر بىلەلەيدۇ.بىز، ئاندىن مېھنەتكە، بالا ـ قازاغا سەۋر قىلىپ، تەمكىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەپسىمىزنى، قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلىپ، پولاتتەك ئىمان بىلەن دۇنيادىن ئايرىلىشىمىز لازىم. بۇ تېمىمۇ مەخسۇس توختىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ بەكمۇ مۇھىم، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مەن ـ مەن دېگەن ئالىم، ئابىدلار ۋەيران بولدى ئەمەسمۇ.تەنتاۋى رەھمەھۇللا ئەلەينىڭ كىتابىنىڭ 30 ـ 31 ـ بەتلەردە سىھىر توغرىسىدا توختىلىپ، سېھىر دېگەن ھەقدىن توسقان ئىش، بولۇپمۇ قەلبنى ھەقىقەتتىن توسىسا شۇ سىھىر دېگەن. بۇ توغرىسىدا ئىبنى كەسىردە سەككىز خىل سىھىر توغرىسىدا شۇنداقلا سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈملەر بار.بىز بۇ جايدا كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، شۇ ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان، سىھرىگەرلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىشقا ئىشەنمەسلىككە، توغرىسىنى تونۇپ، ئىلمى نەزەر بىلەن قاراشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى، ساختىلىقنى ئاشكارىلاپ، سىھىرنىڭ ماددى، خىمىيىۋىلىك ئىشلرىنى سۆزلەيمىز، ئۆلۈك موزاي ياكى قوينى خۇددى تېرىك جانلىقدەك ئاۋاز چىقىرىش، شۇ جانلىقنىڭ گېلىغا پاقا سېلىپ، ئاندىن ئاۋاز چىقىرىلغان، بۇنى بىلمىگەنلەر ھەيران قېلىپ، ئىشىنىپ قالىدۇ، ئىككى تال شامنىڭ بىرىنى يورۇتۇپ، بىرىنى ئۆچۈرۈش، بۇ سىھرىگەرلەر فوسفور ماددىسىنى ئىستېمال قىلىش بىلەن ئېلىپ بارىدۇ، ياندۇرماقچى بولغان شامنىڭ پىلىگىدە فوسفور بولدۇ، بۇنىڭ ئوت ئېلىشى تېز بولۇپ، ئۆچۈرۈلگىنىنى شۇ تەرەپكە قارىتىپ پۈۋدىسە ئۆچكىنى يانىدۇ. ھەسەن ـ ھۈسەن چىقىرىش، بۇ بەكمۇ ئاددى بولۇپ، كۈن نۇرى كۈچلۈك چاغدا، دۈمبىسىنى قۇياشقا قارىتىپ، ئېغزىدىن سۇنى پۈركىسە سۇ نۇر قايتۇرۇپ، ھەسەن ـ ھۈسەن كۆرۈنۈپ كېتىدۇ، قەغەزنى زەمچىگە چىلاپ قورۇتۇپ، يەنە چىلاپ، قۇرۇتۇپ، بىر نەچچە قېتىم ھەتتا، تۆت قېتىم شۇنداق قىلىپ، ئاندىن ئوتقا تۇتسا، شامغا تۇتسا، كۆيمەيدىغان بولىدۇ، سېھرىگەرلەر بۇ چارىنى ئىشلىتىپ پۇل تاپىدۇ. سۇنى قاينىتىپ ئاندىن ئەينەك، فوسفور ماددىسىنى ئىشقا سېلىپ، ھاۋاسىزلاندۇرۇپ، بۇ سۇنى ئۇزۇنغىچە نۇر چىقىرىدىغان قىلىدۇ. بارۇد دېگەن تۇز بىلەن شام ماددىسى بىلەن چېچەكنى ئۇزۇنغىچە، سېرىق مىسنى ئىستېمال قىلىپ، ئەينەكنىڭ ياردىمىدە ئوت تەككۈزمەي ئوت ئالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنىمۇ ئۇلار قوللىنىدۇ، تۇز، زەپىران، پاختا، ئۆيدىكى چىراغلارنى ئىستېمال قىلىپ، ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىنى باشقا رەڭگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، چۈنكى، ئۆي شۇ رەڭگە كەلگەن، تالاغا چىقسا بۇ يوقاپ كېتىدۇ، تۇز بىلەن زەئپىراننى قاينىتىپ، پاختىنى چىلاپ، ئاندىن چىراغ بىلەن بىرگە يورىتىدۇ، چاققانلىق بىلەن كۆزدىن كىرگۈزۈپ، ئېغزىدىن، بۇرنىدىن چىقىرىش، ھەممىسى ئويۇن، چاققانلىق، ساختىلىق خالاس. يازدا سۇنى مۇزغا ئايلاندۇرۇش ئىشى، تۇز ۋە باشقا ماددىلارنى ئىشقا سېلىپ قىلىنىدۇ، زەرنىيخ دېگەن نەرسىنىڭ توپىسىنى سۇغا چىلاپ، خەت يازسا رەڭ چىقمايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئوتقا تۇتسا، يېشىل كۆرۈنىدۇ، ئۇندىن باشقا چارىلارمۇ بار، زەمچە، نوشادىر دېگەن تۇز، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، لۆڭگە ياكى ياغلىقنى يول قىلىپ ئورتقا سالسا، ئۇ كۆيمەيدۇ، زەرنىيخنى يۇقىرقى نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، قولغا سۈركەپ ئوتنى تۇتسا، قولى كۆيمەيدۇ، مانا بۇ چوغ تۇتۇش چارىسى. ساختا كەتمەن دەسسەشمۇ شۇنداق، ھەقىيقىيسىمۇ بار.كەپتەر تۇخۇمىنىڭ ئىچىدىكىنى ئېلىۋېىپ، ئىچىگە نۇشادىر ماددا قاچىلاپ، ئېغزىنى ئېتىپ، ئاق ياغدا ياغلاپ، كۈن نۇرىدا قويسا، تۇخۇم ئۆزلىگىدىن ھاۋادا ئۇچۇپ كۆتۈرۈلىدۇ، نۇشادىرنى ئىشقا سېلىپ، كېچىسى ئوقوغۇلى بولىدىغان، كۈندۈزى كۆرۈنمەيدىغان، خەت يازغىلى بولىدۇ. گۈڭگۈرت ئارقىلىق بۈرگە، چاشقاننى قاچۇرسا بولىدۇ، فوسفور، زەيتۇننى ئىشقا سېلىپ، نۇر چىقىرىش ئىشى بار، سىھرىگەرلىك ھەددىدىن ئېشىپ، بەزىلەر، پەيغەمبەرلىك داۋاسى، بەزىلەر ساختا ئەۋلىيا بولۇۋالىغان، چۈنكى، كىشىلەر نادانلىقدىن ھەيران قېلىپ، ئەگەشكەن، بۇ مەسىلە، كۆپ سۆزلەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ