ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 14:43:19 جەمئى 2402 قېتىم ئوقۇلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى
10- سىنتەبېر گېرمانىيە ئاۋازى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خىتايغا مەسئۇل بۆلۈمنىڭ باشلىقى (Sophie Richardson)تەييارلىغان دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن:
« خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئون نەچچە يىللىق تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتتى. كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئون نەچچە گۇۋاھچى ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇغقانلىرى بەرگەن ئىسپاتلىرى نەتىجىسىدە مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلدى:
خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە « سىياسى تەربىيىلەش مەركىزى »نامىدىكى ئورۇنلارغا تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. خىتاينىڭ « قايتا تەربىيىلەش » نامىدىكى لاگېرلاردا قامالغان كىشىلەر ساننىڭ بىر مىليونغا يەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئىشەنچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 13 مىليون مۇسۇلمان ئىچىدىكى كۆپ سانلىق كىشىنىڭ «يېغىۋېلىش مەركىزى»گە سولىنىپ خىتايچە ئۆگىنىشكە، كوممونىستىك پارتىيىنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرىلانغانلىقىنى، خىتاي ئۇلارنى ھېچقانداق ئەدلىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەيلا تۇتۇپ سولىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى تارتىلۋىلىنغانلىقىنى ھەتتا تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە روخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بايقىدى. خىتاينىڭ بۇ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، چەتئەلدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھەمدە خىتاي سەزگۈر دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن دۆلەتلەرگە بارغانلار ياكى ۋاتساب ئىشلەتكەنلەر ئىكەنلىكى بايقالدى.
(Sophie Richardson)يەنە مۇنداق تەكىتلىگەن:
خىتاي ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە سەۋەبسىز سولىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان ئەمەلدار ۋە ساقچىلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئىسپاتلار بار. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدۇ. ئەگەر خىتايغا بېىسم ئىشلىتىپ خىتاينىڭ ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توختىتالمايدىكەن خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ. بارلىق دۆلەتلەر ب م ت ئىجرائىيە كومتېتى بىلەن بىردەك تەدبىر قوللۇنۇپ، ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش جىنايى ھەركەتلەرنى باھالاپ چىقىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارى چىنچۈەنگو ۋە ئۇندىن باشقا ئەمەلدارلارنى قاراتمىلىق ھالدا جازالىشى، بۇ ئەمەلدارلار كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ