ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىرئالغۇ ئارقىلىق كومپيۇتېر ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلىغىلى بولىدىكەن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-08-10 11:28:40 جەمئى 30820 قېتىم ئوقۇلغان.

كىرئالغۇ ئارقىلىق كومپيۇتېر ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلىغىلى بولىدىكەن

ئامېرىكا ئىقتىساد تورى CNNMoney نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى تېخنىكىنى بايقاپ، بۇنىڭدا ۋىرۇس ئارقىلىق پرىنتېر ياكى كىرئالغاۇ قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يۇقۇملاندۇرۇپ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى سىمسىز رادىيوغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى سىمسىز ردىيو سىگنالى ئارقىلىق ئەۋەتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلگەن.

ئامېرىكا مانخاتتوندىكى بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بىر خىل ئۇسۇلنى بايقىغان بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى ھەر قانداق بىر ئۈسكۈنە(مەسىلەن: پرىنتېر، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ)دە كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولمايدىغان سىگنالنى نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. بۇ ئويۇن قائىدىسىدىكى بىر ئۆزگىرىش ھەمدە خاككېرلىق تېخنىكىسىدىكى غايەت زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىر بۇ خىل ئىلغار خاككېرلىق تېخنىكىسىنى بايقىيالايدىغان ئۇسۇل ناھايتى ئاز ساندا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل، AM سىمسىز رادىيو ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ تۆت ئەتراپتا مېڭىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر سىز بۇ ئۈسكۈنىگە يېقىنلاشسىڭىز، سىمسىز رادىيو ئاۋازسىز ھالەتتىن سىگنال بېرىپ چىقىراشقا باشلاپ، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەخىپي سىمسىز سىگنال يوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ