ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كونيادا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

كونيادا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
11- يانۋار كونيا چۇمرا ناھىيىسىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
نامايىشنى ئۈلكە ئوجاقلىرىنىڭ كونيادىكى شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ئۈلكە ئوجاقلىرى ئەزالىرى، كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا « شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچلىق توختىتىلسۇن!»، « لاگېرلار تاقالسۇن !» دېگەن شۇئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق « ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يىنىدا » دېگەن شۇئارلارنى تولاپ خىتايغا قارشى لەنەت ئوقۇدى.
ئاخىردا ئۈلكە ئوجاقلىرى كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ،« خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان ۋە دىنى كىتاپلارنى چەكلەپ قۇرئان ساقلىغانلارنى تۇتقۇن قىلدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتىگە كۆز يۇمماقتا. خىتاي شەرقي تۈركسىتان خەلقىنى ئائىلىسىدىن سۈرگۈن قىلماقتا. بىز دۇنيا خەلقىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ