ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كومپاس تېررورچىنىڭ بەلگىسىمۇ؟

كومپاس تېررورچىنىڭ بەلگىسىمۇ؟
زىمىستان تورىنىڭ 11-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2017-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆيىدىن كومپاس، خەرىتە تېپىلغانلارنى تېررورچى قاتارىدا جازالاشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۆيىدىن كومپاس، بوكس پەلىيى، دىنىي مەزمۇندىكى كىتاب، سىن قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلغان كىشىلەرنى تېررورچى قاتارىدا جازالاشقا باشلىغانلىقى، 2018-يىلى 3-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تېببى تېخنىكومىدا ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىكى كىيىم ئىشكاپلىرىدىن باشلاپ ھەممە جاينى ئاختۇرغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا بۇندىن كېيىن ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالىدىغان ھەرقانداق بۇيۇم، كومپاس، خەرىتە، ئادەم بەدىنىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان دورا، قۇرئان ئوقۇغۇچ قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇشنى، تاپشۇرمىغانلارنىڭ تېررورچى قاتارىدا جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ