ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كوممونىستىك پارتىيە سىياسى بيۇرو يىغىنى خىتايدىكى ئېغىر كىرزىسدىن بىشارەت بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-02 11:02:53 جەمئى 2821 قېتىم ئوقۇلغان.

كوممونىستىك پارتىيە سىياسى بيۇرو يىغىنى خىتايدىكى ئېغىر كىرزىسدىن بىشارەت بەردى

كوممونىستىك پارتىيە سىياسى بيۇرو يىغىنى خىتايدىكى ئېغىر كىرزىسدىن بىشارەت بەردى
2- ئاۋغۇست داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، 31- ئىيۇل خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى سىياسى بيۇرو يىغىندا ئىقتىساد ساھەسىدە «ئالتە مۇقىملىقىنى چىڭ تۇتۇش » ھەققىدە چىقارغان قارارى خىتاينىڭ ئىچكى تاشقى كىرزىسىدىن بىشارەت بەرگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئىقتىسادى كىرزىس سىياسى كىرزىستىن ئېشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى 2018- يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىسادى جەھەتتە يوچۇقنى ئېتىش، پۇل مۇئامىلە خەتەرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، قىممەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆي مۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالتە مۇقىملىقىنى چىڭ تۇتۇش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىنىشچە، خىتايدىكى كىرزىسنىڭ بىرىنچى ئامىلى ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى ساقلاش ھالىتىدىن خىتايغا قادىلىپ قارشىلىشىش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكى ئىكەن. ئىككىنچى ئامىلى بولسا خىتايدىكى ئىقتىسادى كىرزىس سىياسى كىرزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىغان. ئۈچىنچى كىرزىس بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادى خىزمەت سالمىقى سىرتتىن ئىچىگە قاراپ يۈزلەنگەن. بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋەردە خىتايغا مەبلەغ سالغان بىر قىسىم چەتئەل شىركەتلىرى ئىش توختىتىپ مەبلىغىنى يۆتكەشكە باشلىغان. بىر قىسم خىتاي شىركەتلىرى تاقىلىشقا باشلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ