ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كوجائىلى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-04 15:10:49 جەمئى 14178 قېتىم ئوقۇلغان.

كوجائىلى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى


كوجائىلى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: بۈگۈن تۈركىيىنىڭ كوجائىلى شەھىرىدە 11 ياشلىق ئابدۇ قۇددۇس ئابدۇللا سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى.
بۈگۈن ئەتتىگەن ئابدۇ قۇددۇس ئائىلىسى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ڧىندىكتىن ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كوجائالى گەبزە دېنىزلى يېنىدىكى كۆلگە كەلگەن. كۆلدىكى سۇغا چۇچۈپ بىر مەزگىل سۈ ئۈزگەندىن كېىن «قۇتقۇزۇڭلار »دەپ ۋاقىراشقا باشلىغان. كۆلنىڭ سىرتىدىكىلەر ئامال قىلالماي 112 گە مەلۇم قىلغان. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۈلگۈرۈپ كەلگىچە ئابدۇ قۇددۇس ئابدۇللاھ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆزىدىن غايىب بولغان. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بالىنى كۆلدىن سۈزۈپ ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
شۇ يەرگە مەسئۇل ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ۋە كىلىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
ئابدۇقۇددۇس ئابدۇللاھقا ئاللاھتىن رەھمەت، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئائىلسىگە سەبىر تىلەيمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ