ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كاستامونۇدا خىتايغا قارىش نامايش ئېلىپ بېرىلدى

كاستامونۇدا خىتايغا قارىش نامايش ئېلىپ بېرىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز : 5- يانۋار كاستامونۇ شەھىرىنىڭ تاشكۆپرۈ ناھىيىسىدە« شەرقى تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتنى ئۈلكۈ ئوجاكلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە تاشكۆپرۈ خەلقى قاتناشتى. نامايىش كوچىلاردا شوئار توۋلاپ يۈرۈش قىلىش، خەلق مەيدانىدا بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان خەلق ھەرخىل جانلىق شوئار ۋە تەكبىر سادالىرى بىلەن كوچىدا يۈرۈش قىلدى.
نامايىشتا تاشكۆپرۈ ئۈلكۈ ئوجاكلىرى رەئىسى ئىبراھىم ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىگە كۆرسەتكەن دېپلوماتىيە قىزغىنلىقىنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان شەرقى تۈركىستانغىمۇ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسئۇلى مەھمۇتجان كېرىم تاشكۆپرۈ ئۈلكۈ ئوجاكلىرى رەئىسى ئىبراھىم رەجۋەر ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۇشۈرۈلگەن شارپا ھەدىيە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ