ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كاستامونۇدا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى»غا ئۇل سېلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-05 17:29:55 جەمئى 589 قېتىم ئوقۇلغان.

كاستامونۇدا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى»غا ئۇل سېلىندى

كاستامونۇدا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى»غا ئۇل سېلىندى

 «5-ئاپرېل بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشىنى مەقسەت قىلىپ، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېت ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى» قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىپ، كۆچەت تىككەن. 
كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خېلى بۇرۇنلا مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن «شەرقى تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەر ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى يېقىندا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلار بۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى بارىن شېھىتلىرىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈشنى لايىق كۆرۈپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرىلىغان.
مەزكۇر ئورۇن كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان، 13 مو ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، 200 تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئورمانلىق «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمانلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇشىغا قارىماي، پائالىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ،  ئىمتىھان ئارىلىقىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇپ، پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ