ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كازافى ھاكىمىيتى ئاخىرلاشتىمۇ؟

 

 

 

كازافى ھاكىميتى ئاخىرلاشتىمۇ؟

كازافى ھاكىمىيىتى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ ؟

 

 

 -16    ئاۋغۇست ، بەش ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ قاتمال ۋەزىيىتىدە زور بۆسۈش بولۇپ ، ئۆكتىچىلەر پايتەخت تىرىپولىغا يېقىن جايدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ ، پايتەخت تىرىپولىنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەزەلدىن كازافىنى قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ ، كازافى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى جازالىماقچى بولدى ، كازافىنىڭ ئەتىراپىدىكى سادىق ھەمراھلىرىمۇ بىر –بىرلەپ يۈز ئۆرۈپ كېتىشكە باشلىدى ؛ خەلقئارادىكى سىياسىي ئانالىزچىلارمۇ لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش بولدى ، كازافى ھاكىمىيىتى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، دەپ قارىدى . 

    تىرىپولى ‹‹ ئىستراتېگىيەلىك قورشاۋ ›› ئىچىدە قالدى

    بۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ، لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇمىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى . لىۋىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا ، ئۆكتىچىلەر 16-ئاۋغۇست زاۋىيە شەھىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى ھەمدە لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قالدۇق قىسمىنى شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە چېكىندۈردى . زاۋىيەنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ، پايتەخت تىرىپولىغا 48 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ ، ‹‹ تىرىپولىنىڭ بوسۇغىسى ›› دېگەن نامىمۇ بار . ئۇ يەنە لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىنبىر نورمال يېقىلغۇ ماي ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار جاي بولۇپ ، پۈتۈن لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي مەنبەسى . شۇ سەۋەبتىن ، زاۋىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، ئىككى تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان .

    زاۋىيەدىكى بىر نېفىت ئېنژىنېرى 15-ئاۋغۇست ئۆكتىچىلەر زاۋىيە شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن ، تىرىپولىنى بېنزىن ۋە يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلەيدىغان تۆت تۇرۇبا يولىنى تېزلىكتە ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارلىغان . ۋەقەنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 16-ئاۋغۇست سەھەردە كۆپ قېتىم ھۇجۇم تەشكىللەپ ، زاۋىيەنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان .

    لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك جۈمە ئىبراھىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ئۆكتىچىلەر يەنە تىرىپولىدىن تۇنىس ، نىگېر ، چادقا تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىلىرىنىمۇ ئېتىۋەتكەن . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار 16 -ئاۋغۇست تىرىپولىنىڭ جەنۇبىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇھىم شەھەر غاريان ھەمدە زاۋىيەنىڭ غەربىدىن 32 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇرماننى ئىشغال قىلغان . بۇ ئارقىلىق لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى پايتەخت تىرىپولىنى قورشاۋغا ئېلىش مەقسىتىگە يەتكەن .

    تىرىپولىنىڭ شەرقىدىن 480 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كازافىنىڭ يۇرتى سۇرتتا ، ئۆكتىچىلەر 15-ئاۋغۇست بىر نەچچە بازار-كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلغان . شەرقتىكى پرىك كاكتا ، ئۆكتىچىلەر 15-ئاۋغۇست يېڭى شەھەر ئاھالىلەر رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ ، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە پورت ئىچىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىغان .

    نۇرغۇنلىغان سىياسىي -ھەربىي مۇھىم شەخىسلەر كوللېكتىپ قېچىپ كەتتى

    ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىشىگە قارىتا ، لىۋىيە رەھبىرى كازافى 15-ئاۋغۇست ‹‹ پايتەخت ئاممىسىنى قورال ئېلىپ ، ئۆكتىچىلەر ۋە ش ئا ئە ت گە قارشى تۇرۇپ ، لىۋىيەنى ئازاد قىلايلى ›› دەپ مۇراجەت قىلغان ، ئەكسىچە ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زور پارچىلىنىش بولۇپ ، مۇھىم رەھبەرلەر يۈز ئۆرۈشكە باشلىغان .

    -15ئاۋغۇست ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىك كاتىپى ( ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى ) ناسىر مەبلۇق ئابدۇللا ئائىلىسىدىكى 9 ئادەمنى ئېلىپ شەخسىي ئايروپىلان بىلەن تۇنىستىن قاھىرەگە بارغان . ‹‹ ساياھەت پاسپورتى ›› غا ئىگە ئابدۇللا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىسىردا ‹‹ ساياھەت ›› قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەكسىچە ، ئانالىزچىلار ئابدۇللانى تىرىپولىدىن قېچىپ كەتتى دەپ قارىغان .

    بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان ، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆكتىچىلەرگە تەسلىم بولغانلىقىدەك ئۇچۇرلار ئارقا -ئارقىدىن تارقالغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ پولكوۋنىڭ ، ئىككى پودپولكوۋنىك ھەمدە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئاسىيلار مىسسۇراتادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان .

     رۇسىيە كازافىنى تاشلىۋەتتى

     ئامېرىكا ئاق ساراي ئاخبارات باياناتچىسى 15-ئاۋغۇست مۇنداق دېگەن : كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان كۈنى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ ، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    -15ئاۋغۇست ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› بىلەن كېلىشىپ ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەگە جازا يۈرگۈزۈش كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ 100 مىليون ياۋروسىنى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان . گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، توڭلىتىلغان بۇ 100 مىليون ياۋرو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇلىدىكەن ھەمدە بۇ پۇلغا دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى سېتىۋېلىنىپ ، بېنغازى قاتارلىق جايلاردىكى خەلققە ياردەم بېرىلىدىكەن .

    خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ھەيرانلىق ھېس قىلغىنى شۇكى ، ئەزەلدىن كازافىنى قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيە تۇيۇقسىز مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن . رۇسىيە ئاخبارات ئىدارىسى 12-ئاۋغۇست رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدىۋېدىۋنىڭ زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1973-نومۇرلۇق قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، لىۋىيە بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى توختىتىدىغانلىقىنى ، لىۋىيە رەھبىرى كازافى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە قىسمەن ئادەملەرنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، رۇسىيە ئىزچىل كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قوللىغۇچىسى بولغان ۋە باشتىن ئاخىر ش ئا ئە ت نىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق كازافى ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرغانلىقىغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغان . بىراق ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار رۇسىيەنىڭ كازافىنى تاشلىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى .

    باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كوچا ئۇرۇشى ئۆكتىچىلەرنى سىنايدۇ

    گەرچە ، نەچچە كۈندىن بۇيان غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس -بەستە ‹‹ تىرىپولىنى ئىشغال قىلىدىغان كۈنگە ئازا قالدى ›› قاتارلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، بىراق ئانالىزچىلار لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىرىپولىنى كونترول قىلىپ ، كازافىنى جازالاشتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كوچا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت قوش سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

    -15ئاۋغۇست ، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى سۇرت شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بازىسىدىن پرېك كاك تەرەپكە بىر دانە ‹‹ يەل تاپان ›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ، گەرچە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھېچقانداق نىشانغا تەگمىگەن بولسىمۇ ، ش ئا ئە ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىغان .

    باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەھدىتىدىن باشقا ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەربىي مەشىقى تولۇق بولمىغان قوراللىق ئەسكەرلىرى كوچا ئۇرۇشى ئارقىلىق پايتەختنى ئالىمەن دېسە ، ھاياتى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن زور بەدەل تۆلەيدىكەن .

    بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، كازافىنىڭ ئوغلىنىڭ كونتروللىقىدىكى قىسىم تىرىپولىغا توپلانغان بولۇپ ، ئەگەردە بۇ قىسىمغا كازافىغا سادىق خەلق قوشۇلسا ، ئۇنداقتا ، ئىككى تەرەپنىڭ پايتەخت تىرىپولىدىكى كۈرىشى خېلى داۋام قىلىدىكەن .

    ئۇنىڭدىن باشقا ، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېچىلاڭغۇ ئۇرۇش ھەمكارلىقىمۇ بىر سىناق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ ، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە ، ئىككى تەرەپ كوچا ئۇرۇشىنى باشلىسا ، ش ئا ئە ت ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ ،ئىككى تەرەپنىڭ جەڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن . 

    خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەنسىرىتىۋاتقىنى شۇكى ، ‹‹ئەل قائىدە ›› شىمالىي ئافرىقا تارماق ئەترىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسى ۋە باشقا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ، لىۋىيەدىكى ئۇرۇش ئاللىقاچان بۇ تەشكىلاتنىڭ ‹‹ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، تەسىرىنى ئاشۇرۇش ›› ىغا ئاساس بولغان ، شۇنداقلا لىۋىيە ھەمدە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدە ‹‹ ئەل قائىدە ›› تەشكىلاتىنىڭ سايىسى پەيدا بولغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ