ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى

ياپونىيەلىك ئالىم سېزىئو «بالىلار يېمەك-ئىچمىكى ۋە مېڭە ساغلاملىقى» ناملىق ئەسىرىدە بالىلار قەۋزىيەت بولسا گومۇش بولۇپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ 6~2 ياشلىق بالىلار ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولسا، ئاسانلا دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك، سەۋرسىزلىك، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش، يىغلىغاق بولۇش، سىرتقى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاسى ئاستا بولۇش، گەپ قىلماسلىق،  دوستلاشماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

قەۋزىيەت بولغاندا زەھەرلىك ماددىلار بەدەندە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان بولغاچقا، جىگەر، بۆرەككە زىيان يەتكۈزگەندىن سىرت، يەنە بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سېمىزلىك، مايلىق جىگەر، مەقئەت يېرىلىش، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەۋزىيەت بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

شۇڭا بالىلاردىكى قەۋزىيەتكە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ