ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەشقەر بىزگە ئامانەت ئەمەسمۇ؟

قەشقەر بىزگە ئامانەت ئەمەسمۇ؟

سىتار تورىنىڭ 10- ئىيون كۈنىدىكى سەھىپىسىدە مۇستاپا شەننىڭ «خەلق ناخشىلىرىمىزنىڭ روھىدىكى جۇغرافىيە ئۇقۇمى» ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئىستىقلال تورى تەرىپىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

مەھمۇد قەشقەرىدىن  تۈركى تىللىرى چوڭ قامۇسى بىزگە  ئامانەت قويۇلغان ئىدى. ئەمما قەشقەرنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن ئامانەت قويۇلمىغانمۇ؟ نىمە ئۈچۈن قەشقەر بىزگە شۇنچە ئۇزاق بىلىنىدۇ؟  ئەمما شۇنچە ئۇزاقلىقتىكى خىتايلار ئۈچۈن شۇنچە يېقىن بىلىنىدۇ ؟ چۈنكى بىز  جۇغرافىيە ئۇقۇمىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق. ئەگەر جۇغرافىيەلىك ئۇقۇملىرىمىز يوقالسا قەشقەرنى يوقاتقان بولاتتۇق، شۇنداقلا قەشقەرلىكنى  ۋە دىۋانلىرىمىزنىمۇ يوقاتقان بولاتتۇق.

بىسمىللاھدىن سۆزنى باشلاپ ھىكمەت ئېيتىپ،

تالىبلارغا زەر گۈھەر چاچتىم مانا.

رىيازەتنى شۇنچە تارتىپ قانلار يۇتۇپ،

دەپتەرلەردىن ئىككىنچى بەت ئاچتىم مانا.

ئەھمەد يەسەۋى.

مىنىڭ بىلىشىمچە ئەقلى قۇۋۋەت  ئىنسان زېھنىيتىنىڭ ئەڭ موھىم ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. جۇغرافىيەلىك ئۇقۇممۇ ئەڭ موھىم ئەقلى قۇۋۋەتلىرىمىزدىن بىرى بولىشى كىرەك. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ۋەتەن ئۇقۇمى مۇقەددەس تۇپراقلار بىلەن بىرلىكتە چۈشەنچىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ دەپ ئېيتالايمەن. ئەمما بىز  جۇغرافىيە ئۇقۇمىنىڭ نەقەدەر موھىم ئىكەنلىكدىن، مەزمۇنىدىن ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن تولىمۇ يىراقتا تۇرىۋاتىمىز.

مەن دىمەكچى بولغان بۇ تىمىدا نەتىجە، مۆلچەر ۋە چۈشەنچىمىز زادى قانداق ؟ بۇنى بىلىپ بولالمىدىم، ياكى ئۇنداق بىر نەرسە بارمۇ يوق ئۇنى تېخىمۇ  بىلەلمىدىم.  مىسال ئالسام، مەن تۇغۇلغان شەھەر ترابزۇندىكى دېڭىز ساھىللىرىدا چايلىرىنى يۇتۇملاپ ئىچىۋاتقان بىر قارادېڭىزلىقتىن «تۈركىستان قەيەر؟ قەشقەر قەيەردە؟» دەپ سورايدىغان بولساق ئىھتىمال (ئەگەر بۇنى بىلىپ قالسا) «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ناھايتى ئۇزاق بولغان بىر يەر» دەپ جاۋاپ بىرەلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سۇئالنى شاڭخەي دېڭىز ساھىلىدا چوكا بىلەن بىر نەرسىلەرنى قىسىپ يەۋاتقان سېرىق دېڭىزلىقتىن سورىساق « بۇ يەردە، يېقىنلا يەردە» دەپ ئويلانمايلا جاۋاپ بىرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە قەشقەر شاڭخەيگە قارىغاندا تىرابزونغا تېخىمۇ يېقىن  بولغان بىر يەر ئىدى. ئەمما بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدە تولىمۇ يىراق بولغان بىر يەردۇر.

 مەن قەشقەردىن سۆزلەيمەن: ئىسىڭلاردا بارمۇ؟  تۈركى تىللارنىڭ ھەممە سۆزلۈكلىرىنى بىزگە سوۋغا سۈپىتىدە ئامانەت قويغان تۈركى تىللار دىۋانى ناملىق كىتاب مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەر تۇپرىقىدىن بىزگە ئامانەت قويۇلغان.  ئەجەبا قەشقەرنىڭ ئۆزى بىزگە ئامانەت قويۇلمىغانمۇ؟!  نىمە ئۈچۈن بىزگە يېقىن بولغان قەشقەر بىز ئۈچۈن شۇنچە يىراق تۇيۇلىدۇ؟ شۇ قەدەر ئۇزاقلىقتىكى خىتايلار ئۈچۈن شۇنچە يېقىن ھىس قىلىنىدۇ؟  چۈنكى بىز جۇغرافىيە ئۇقۇمىمىزنى يوقاتتۇق. جۇغرافىيە ئۇقۇمىمىزنى يوقاتقان ۋاقىتتا قەشقەرنى، قەشقەرلىكنى ۋە دىۋانلىرىمىزنى يوقاتقان بولاتتۇق.

مەن بۇلارنى نىمە ئۈچۈن يازدىم؟ چۈنكى يۈرىكىمدە بىر دەردىم بار، بۇ دەرد شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، شۇ قەدەر كەڭ بولغان جۇغرافىيەمىز بار ئىدى. بۇ جۇغرافىيە خەلق ناخشىلىرىدىمۇ كۈيلىنىدىغان ناھايتى كەڭرى بىر جۇغرافىيە ئىدى ۋە ئۇ جۇغرافىيەمىزدە شۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە رومانتىك قورغانلىرىمىز بار ئىدى. لىكىن ئەپسۇسلۇق بىلەن ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى ئۇ ئەمدى يوق.  پەقەت ئۇ يەرلەردىن بۇ يەرلەرگە (شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە) «ئۇزاقتىكى قېرىندىشى» ئۈچۈن ئاققان بىر تۇيغۇ دەرياسى ھىلىھەم بار، ئەمما پەرەز قىلساق بۇ يەرلەردىن ئۇ يەرلەرگە (تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا) يوق، ھەم قالمىدى. چۈشەنچىلىرىمىز تارىيىپ كەتتى، چۈشەنچىلىرىمىز زەئىپلەشتى.

خەلق ناخشىلىرىمىزدىكى جۇغرافىيە ئۇقۇمى بىلەن بىزنىڭ جۇغرافىيە ئۇقۇمىمىزنى سېلىشتۇرغاندا بىزدىكى جۇغرافىيە ئۇقۇمى خەلق ناخشىلىرىمىزدىكى جۇغرافىيە ئۇقۇمىغا  باراۋەر بولالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. خەلق ناخشىلىرىمىز  يەمەندىن بىلگىرادقا، بۇخارادىن ئالجىرىيەگە ھەلەپتىن قىرىمغا، بۇسرادىن لىتۋاغىچە سوزۇلغان كاتتا كارۋاننى ياراتقان. بىز بولساق  بۇ كارۋاننى يوقاتماستىن داۋاملاشتۇرالايدىغان ئەھۋالدا ئەمەسمىز. تېخى تۈنۈگۈنگىچە ئۇ يەرلەردە قېرىنداشلىرىمىز، جىگەر پارىلىرىمىز بار ئىدى. ئۇلارغا مەكتۇپ ۋە سالام خەتلەر، ناخشىلار، ئېيتىشىشلار، داستانلار ئەۋەتىشەتتۇق. ئۇلار «بىزلەرنى ئىراقلىق ئىكەن دەپ بىلسۇن» دىگەن ھالەتتىمۇ ئۇ يۇرتلار، ئۇ شەھەرلەر بىز بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنكى ئۇلارنى ئەسلا  «چەتئەللىكسەن» دىيەلمەيمىز ۋە ئۆزىمىزدىن ئايرىپ چۈشىنەلمەيمىز.

ئىش مانا موشۇنداق!  قارايدىغان بولساق ئىسپىھاندىكى  پادىشاھلار، مىسىردىكى سۇلتانلارنىڭ قايسى بىرى قالدى؟ يول داۋام قىلىۋىرىدۇ. باغداد، بۇسرا چۆللىرىدە چۆگلەپ ئايلىنىمەن. يۈرىكىمدىن ئاققان ياشلارنى سەھرالارغا تۆكۈپ ماڭىمەن. تۈركىستاندىكى ئۇستازلاردىن ئانادولو مۇخلىسلىرىغا، ئۇلاردىن بىزگە قالغان ئامانەتنى ئېلىپ ماڭىمەن. يول ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ بۇ يولدا تەۋرەنمەي ماڭىمەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ