ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قۇمۇلدا سۇ ئامبىرى تېشىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-04 11:01:58 جەمئى 2859 قېتىم ئوقۇلغان.

قۇمۇلدا سۇ ئامبىرى تېشىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

قۇمۇلدا سۇ ئامبىرى تېشىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
4- ئاۋغۇست داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن سۇ ئامبىرى تېشىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ سەككىز ئادەم يوقاپ كەتتى.
31- ئىيۇلدىن باشلاپ قۇمۇل شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاشۋېلىق يېزىسىدا بىر قانچە كۈن يامغۇر ياغقان. يامغۇر ياغقان كۈنلەر ئىچىدە بىر سائەت ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق يامغۇر يېغىپ يامغۇر سۈيى 110 مىللىمېتىرغا يەتكەن. (تارىختا بۇ يەردە بىر سائەتلىك يامغۇر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 52.4 مىللىمېتىرغا يەتكەن) شۇ سەۋەبلىك كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
مەزكۇر ئاپەتتە، 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ سەككىز ئادەم يوقاپ كەتكەن. 8700 ئۆي، بىر قىسىم تېرىلغۇ يەر، تاش يول، تۆمۈر يول، توك ۋە ئالاقە ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان.
مەزكۇر خەۋەرنى 1-ئاۋغۇست خىتايدىكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن مەلۇمات بىرىدىغان تور بەت ئېلان قىلغان. غەلىتە يىرى بۇ خەۋەرنى تارقاتقان تور بەت كىيىن ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە قۇمۇلدا سۇ ئامبىرى تېشىپ 20 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى دېيىلگەن بولسىمۇ بىراق نەچچە نەچچە مىڭلىغان ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ