ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇملۇقتا مەخپى لاگېرنى بايقىغان.

قۇملۇقتا مەخپي لاگېر بايقالدى
24- ئۆكتەبىر ب ب س تورى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇملۇقتا مەخپى لاگېرنى بايقىغان.
خەۋەردە، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى خادىملىرى 2015-يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارتقان سۈرەت بىلەن 2018- يىلى4- ئاينىڭ 22 – كۈنى تارتقان سۈرەتنى سېلىشتۇرغانلىقنى، 2015-يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى سۈنئى ھەمرا بىلەن تارتىلغان سۈرەتتە ھېچقانداق ئوينىڭ ئىزناسى بولمىغان قۇملۇق مەنزىرىسى بار ئىكەنلىكى بىراق 2018- يىلى4- ئاينىڭ 22 – كۈنى تارتقان سۈرەتتە بولسا يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى، قۇرۇلۇش ئەتراپىدا 2 كىلو مېتىر ئۇزۇنلۇقتا قورشاۋ تامنىڭ بارلىقىنى، قورشاۋ تامدا 16 ئورۇندا قاراۋۇلخانىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
خەۋەردە يەنە، مەزكۇر لاگېر داۋانچىڭ بازىرىغا يېقىن ئورۇندا بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر سائەتلىك يول ئىكەنلىكى، مۇخبىرلار ئەمەلى تەكشۈرۈش ئۈچۈن داۋانچىڭ بازىغا بېرىپ لاگېر بار ئورۇنغا قاراپ مېڭىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىرى قىسىمى پۇقراچە كيىنگەن، بىر قىسمى ساقچى كىيىمى كېيگەن ساقچىلار مۇخبىرلارنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەنلىكى،

مۇخبىرلار لاگېرغا يېقىنلىشىپ ماشىنىنى توختاتقان ھامان ئۇلارنىڭ كەينىگە ئەگەشكەن ساقچىلار مۇخبىرلارغا: ئاڧاراتلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ تىز كېتىڭلار بۇ يەردە توختاشقا بولمايد» دەپ قوغلىۋەتكەن.

 

شۇنداقتىمۇ مەزكۇر لاگېر ئىچىدىكى بىنالارنىڭ ھەممىسى تۆت قەۋەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ