ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قۇتۇبى ناھيىسىدە يەر تەۋرىدى

 

نۇر تورى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قىسىم ئاممىۋى تورلاردا بىرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت  11:15:04 ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇتۇبى ناھيىسى ئەتراپىدا ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش دەرىجىسى 6.2 بالغا يەتكەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بىكىتىشىگە قارىغاندا، تەۋرەش ئورنى شىمالى كەڭلىك 43.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.40 گىرادۇس بولغان دائىرىدە بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى ئالتە كىلومېتىرغا يەتكەن. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى سانجىدا بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بولۇپ، ئۇنۇڭدىن باشقا قارىماي، تۇرپان، كورلا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ  سىزىلەرلىك دەرىجىدە تەسىرى كۆرۈلگەن.

25- نۇيابىر كۈنىمۇ ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھيىسىدە 7.2 بال دەرىجىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلغان، ھەمدە تەۋرەش يۈز بىرىپ نەچچە كۈندىن كىيىن  ئاندىن بۇ تەۋرەش توغرىسىدا قىسقىلا مەلۇمات بىلەنلا بولدى قىلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ قېتىم يۈز بەرگەن قۇتۇبىدىكى يەر تەۋرەش توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ