ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى
8- ئىيۇن قىرغىزىستاننىڭ جالال ئابات شەھىرىدىكى ئاتۇش تاماقخانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
قىرغىزىستاننىڭ جالالئابات شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قىرغىز، قاتارلىق قېرىنداشلار ئىپتاردا جەم بولۇپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە مۇساپىر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزرەك ۋەتىنىگە قايتىپ قان- قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى، ئىماننى ھىمايە قىلىش يولىدا خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ تۈرمىلەردىن تىزرەك قۇتۇلۇشى، زالىملارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، مۇساجان قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يىتەكچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدە ئۇيغۇر خەلقنىڭ دىنى، مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلىش يولىدا جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان يېتەكچى ئۇستاز ۋە ئۆلىمالارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى، ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ