ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قورساق ئاغرىقىنى داۋالاش
 

قورساق ئاغرىقىنى داۋالاش

      ‹سەھىھ بۇخارى› ۋە ‹سەھىھ مۇسلىم› دا ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ: قېرىندىشىم قورسىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: قېرىندىشىمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتتى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ھەسەل ئىچكۈز!» دېدى، ئۇ ئادەم قايتىپ كېتىپ، كېيىن كەلدى ۋە ھەسەل بەرسەم ساقايمىدى، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ھەسەل بەرسەم تېخىمۇ ئاغرىپ كەتتى، دېدى. ئۇ ئىككى ئۈچ قېتىم كەلدى. ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەسەل ئىچكۈز» دېدى. ئۇ يەنە ئۈچىنچى ـ تۆتىنچى قېتىم كېلىۋېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ راست گەپ قىلىدۇ، قېرىندىشىڭنىڭ قورسىقى يالغانچىكەن» دېدى. ‹سەھىھ مۇسلىم› رىۋايىتىدە ‹قېرىندىشىمنىڭ ئاشقازىنى بۇزۇلۇپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشتى دېدى› دېيىلگەن. [بۇخارى 5684 ـ، مۇسلىم 5781 ـ ھەدىس]ھەسەلنىڭ مەنپەئىتى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇ تومۇر ۋە ئۈچەيلەردىكى پاسكىنا نەرسىلەرنى تازلايدۇ، ئۇ يېسىمۇ، بەدەنگە سۈرسىمۇ بەدەنگە ھۆللۈك تاراتقۇچىدۇر. ياشانغانلارغا، بەلغەم مىزاجلارغا ۋە مىزاجى ھۆل سوغۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە تەبىئەتنى يۇمشىتىپ، ئارىلاشما قۇۋۋەتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، يەنە ناچار دورىلارنىڭ تەسىرىنى كەتكۈزگۈچىدۇر. جىگەر ۋە كۆكرەكنى تازلىغۇچىدۇر، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغىچىدۇر. بەلغەمدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ، قىزىلگۈلنىڭ جەۋھىرى بىلەن قىزىق ئىچسە ھاشارەت چاققانغا ۋە ئەپيۇن خۇمارىغا پايدا قىلىدۇ.ئۇنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە غالجىر كېسىلىگە، باكتىرىيەسىمان جانلىقلارنى (ياكى مۇخ) يەۋالغانلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يۇمشاق گۆشنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسە تېرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئۈچ ئاي ساقلايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا تەرخەمەك، كاۋا ۋە پىدىگاننى (چەيزە) نى ئارىلاشتۇرسا مېۋىلەرگە قارىغاندا ئالتە ئاي ئۇزاق ساقلايدۇ. جەسەتلەرنى ئۇنىڭ بىلەن يەنە ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر ھەسەلنى چاچقا ياكى بەدەنگە سۈرسە پىت ۋە سىركىنى يوقىتىدۇ. چاچنى ئۇزۇن، يۇمران، پارقىراق قىلىدۇ. كۆزگە سۇرمە قىلىپ سۈرىلسە كۆز قاراڭغۇلىشىشنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چىش تازلانسا چىش ئاقىرىپ، پارقىرايدۇ، چىش ۋە ئۇنىڭ مىلىكلىرىنى ئاسرايدۇ، ئۇ يەنە تومۇرلارنى ئاچىدۇ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنى يالاپ بەرسە شۆلگەيگە پايدا قىلىدۇ ۋە بەلغەمنى يوقىتىدۇ. ئاشقازاننىڭ سۇسلاپ كېتىشىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئارتۇق ماددىلارنى يوقىتىدۇ، ئاشقازاننى نورمال ھالەتتە قىزىتىدۇ. توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، جىگەر، ئۆپكە، بۆرەكلەرگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇ جىگەر ۋە تالنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدىغان تاتلىق نەرسىلەر ئىچىدە زىيىنى ئەڭ ئاز بولغان تاتلىق يېمەكلىكتۇر.ئۇنىڭ زىيىنى ئاز، ئاپەتسىز، سەپرا مىزاجلەرگە زىيان قىلىدۇ، ئۇنىڭ چارىسى: ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىش (سەپرا مىزاجلار ھەسەل يېسە ئاچچىقسۇ ئىچىشى كېرەك). ئۇ (ھەسەل) يېمەكلىكلەر بىلەن يېمەكلىك، دورىلار بىلەن دورا، ئىچىملىكلەر بىلەن ئىچىملىك، تاتلىقلار بىلەن تاتلىق، مايلار (بەدەنگە سۈرىدىغان) بىلەن ماي، مۇپەررىھلار بىلەن مۇپەررىھتۇر، بىزگە ئۇنىڭدەك ئونىۋېرسال مەنپەئەتى بار نەرسە بۇ ساھەدە يارىتىلمىدى، قەدىمقىلارغىمۇ پەقەت ھەسەللا يۆلەنچۈك بولدى، قەدىمقىلار كىتابىدا پەقەت ھەسەللا بار، شېكەرنىڭ گېپى يوق، چۈنكى شېكەر يېقىنقى زاماندا پەيدا بولغان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېغىزغا سۇ يىغىلدىغان بولۇپ قالسا ھەسەل ئىچەتتى، سالامەتلىكنى ئاسراشتا بۇنىڭ بەدىئىي بىر سىرى بولۇپ بۇنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ. ئاللاھ خالىسا بىز بۇنى سالامەتلىكنى ئاسراش پەسلىدە بايان قىلىمىز.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم ھەر ئايدا ئۈچ قېتىم ئەتىگەندە ھەسەل يالاپ بەرسە چوڭ كېسەللەرگە قالمايدۇ» [ئىبنى ماجە 3450 ـ ھەدىس] يەنە بىر ھەدىسدە: «سىلەر ئىككى شىپانى چىڭ تۇتۇڭلار، بىرى ھەسەل، يەنە بىرى قۇرئان». [ئىبنى ماجە 3452 ـ ھەدىس]بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىي داۋالاش بىلەن ئىلاھىي داۋالاشنى، بەدەننى داۋالاش بىلەن روھنى داۋالاشنى، يەرنىڭ دورىسى بىلەن ئاسماننىڭ دورىسىنى بىرلەشتۈردى!... يۇقىرىقىلارنى تەپسىلى بىلگەن بولسىڭىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەل بۇيرۇپ بەرگەن ھېلىقى كېسەلنىڭ قورسىقى كۆپۈپ ئېسىلىپ كەتكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازىنىدىكى يىغىلىپ قالغان ئارتۇق نەرسىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەسەل ئىچىشكە بۇيرىغان. چۈنكى ھەسەلنىڭ ھەيدەش ۋە يوقىتىش ئالاھىدىلىگى بار، ئۇ ئادەمنىڭ ئاشقازىنىدا شىلىمسىمان ئارىلاشمىلار بولۇپ، شىلىمسىمان ئارىلاشما ئاشقازاندا يېمەكلىكنىڭ ئورۇن ئېلىشىنى چەكلەيدۇ، ئۇچاغدا ئاشقازان لۈڭگىگە ئۇخشاش ساڭگىلايدۇ، ئۇنداق ئاشقازانغا شىلىمسىمان ئارىلاشما قوشۇلسا ئاشقازاننىمۇ بۇزىدۇ، ئۇنىڭدىكى يېمەكلىكنىمۇ (ھەزىم قىلىنماي تۇرۇپ) بۇزىدۇ... بۇ ئارىلاشمىلارنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن، ھەسەل ئەڭ ياخشى دورا بولىدۇ، بولۇپمۇ قايناقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلسا.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتا- قايتا ھەسەل ئىچىشكە بۇيرۇشىدا يەنە بىر بەدىئىي ھېكمەت بار، ئۇ بولسىمۇ: كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورىنىڭ مىقدارى بولۇشى كېرەك. دورا ئاز بولۇپ قالسا كېسەللىك يوقالمايدۇ. دورا جىق بولۇپ كەتسە ئادەمنى ماغدۇرسىز قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن يېڭى بىرخىل كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەسەل ئىچىشكە بۇيرىغاندا ئۇ كېسەلگە قارشى تۇرالىغىدەك مىقداردا بەرمەي ئاز بېرىپ قويغان، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئاز بېرىپ قويغانلىقىنى بىلگەن ۋە يەنە بېرىشنى بۇيرىغان، ئۇنىڭ قايتا- قايتا سورىشىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېسەلنى بىر تەرەپ قىلغىدەك دەرىجىدە دورا مىقدارىنى دەپ بەردى. كېسەللىك مىقدارى بىلەن دورا ئىچىلىۋېدى ئۇ كېسەلدىن ساقايدى. دورىلارنىڭ مىقدارى ۋە خارەكتېرىنى، كېسەللىك ۋە كېسەلنىڭ قۇۋۋەت مىقدارىنى ئېتىبارغا ئېلىش - تىبابەتتىكى ئەڭ چوڭ قائىدىلەرنىڭ بىرى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئاللاھ راست ئېيتتى، قېرىندىشىڭنىڭ قورسىقى يالغانچى ئىكەن› دېگىنى مەزكۇر دورىنىڭ مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت. ئۇ ئادەمدە قالغان كېسەل دورىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى ‹قورساقنىڭ يالغانچىلىقى› دىندۇر، يەنى: قورسىقىدا بۇزۇق ماددىلارنىڭ كۆپلىگىدىندۇر، ماددا كۆپ بولغاچقا دورىنى تەكرار بۇيرىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ داۋالىشى باشقا تىۋىپلارنىڭ داۋالىشىغا ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەتئىي ئىلاھى ئىشەنچ بىلەن داۋالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دورىلىرى ۋەھى ئىلاھىدىن سادىر بولغان، پەيغەمبەرلىك چىرىقىدىن ۋە كامىل ئەقلىدىن ئېلىنغان دورىلاردۇر. باشقىلارنىڭ داۋالىشى تولاراق تەخمىن، گۇمان ۋە تەجرىبە بىلەندۇر.پەيغەمبەرلىك داۋالاشنىڭ ئۈنىمىنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ دورىلاردىن ئۇ پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلغان، دورىسىنىڭ شىپالىقىغا ئېتىقاد قىلغان تولۇق ئىمان ۋە بويسۇنۇش بىلەن قوبۇل قىلغان ئادەملەرلا مەنپەئەت ئالىدۇ، مانا بۇ قۇرئان (قەلبلەردىكى ھەممىگە شىپا) يۇقىرىقىدەك قوبۇل قىلىنمىسا قەلبلەرگە ھەرگىزمۇ شىپا بولمايدۇ. بەلكى مۇناپىقلارنىڭ نىجىسلىقىغا نىجىسلىق قوشىدۇ، كېسەللىرىگە كېسەل قوشىدۇ، بۇ ئۇلۇغ قۇرئان روھى كېسەللەرگە ئېتىقادسىز مەنپەئەت قىلمىغان يەردە جىسمانى كېسەللەرگە قانداقمۇ مەنپەئەت قىلسۇن؟ پەيغەمبەرلىك تىبابىتى پەقەت پاكىز تەنلەرگىلا مۇناسىب كېلىدۇ، خۇددى قۇرئانمۇ پاكىز روھلارغا، ئويغاق قەلبلەرگە مۇناسىپ كەلگەندەك.كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك تىبابىتىدىن يۈز ئۆرۈشى - شىپالىق قۇرئان بىلەن شىپا تېپىشىدىن يۈز ئۆرىگىنىگە ئوخشاشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دورىنىڭ كەمچىلىكى يوق! بەلكى ئۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى نىجىس، داۋالاش ئورنى بۇزۇق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يوقالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئاللاھ راست ئېيتتى› دېگىنى مۇنۇ ئايەتكە ئىشارەت: << ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ >> [سۈرە ‹نەھل› 69 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى]


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ