ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قايغۇلۇق خەۋەر ....

قايغۇلۇق خەۋەر ....
27- ئاۋغۇست ئاتا يۇرت جەمئىيىتىنىڭ رەئسى سېرىكجان بىلاشئوغلۇنىڭ ئانىسى قازاقستان دۆلەتلىك دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
سېرىكجان بىلاشئوغلۇ يېتەكچىلىك قىلغان ئاتا يۇرت جەمئىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان قازاقلارنىڭ دەرد- ئەلەملىرىنى قازاقستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئاراغا يەتكۈزۈش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان مىللى كەمسىتىش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىنى ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىغا يەتكۈزۈش جەھەتلەردە كۆرنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى سېپىدا تەسىرى بار، ئاكتىپ تەشكىلاتلار قاتارىدىن بولۇپ قالغان ئىدى.
مەرھۇمەنىڭ جىنازە نامىزى بۈگۈن ئالماتا شەھىرى بۇرۇنداي ناھىيىسى، ۋودنىك مەسچىتىدە چۈشۈرۈلدى.
مەرھۇمەگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئاللاھتىن رەھمەت، مەرھۇمەنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ