ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قانال بەشتە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-05 16:57:43 جەمئى 1310 قېتىم ئوقۇلغان.

قانال بەشتە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

 قانال بەشتە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى
5- ماي قەيسەرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 400 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئىپتارغا چاقىرىش قىلىمىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ قانال بەش تېلېۋىزىيىسىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 400 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئىپتارغا چاقىرىش قىلىمىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىپتار زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدى تۈرك خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغانلىقىنى، ئەملىيەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ھەتتا روزا تۇتقانلارنى كۈندۈز كۈنلىرى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلاپ روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ئىككى يۈزلۈك قىلىپ، ئىستانبۇلدا چارىىسىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار بەرمەكچى بولغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ھەم شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى ياپماقچى، ھەمدە مۇسۇلمانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، تۈرك خەلقى ۋە ئىسلام ئەللىرىگە خىتاب قىلىپ، «بىز شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى تۈرك خەلقى شۇنداقلا دۇنيا ئىسلام ئەللىرى يالغۇز تاشلاپ قويدى، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟» دېگەن سۇئاللارنى قويدى.
تېلېۋىزىيە سۆھبتىدە يەنە ۋەتەن پارتىيسىى رەئىسى دوغو پەرىنچەكنىڭ ئىككى كۈن بۇرۇن خەۋەر تۈرك قانىلىدا قىلغان ئاساسسىز بىلجىرلاشلىرىغا رەددىيە بەردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ