ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستان ھۆكۈمىتى سېرىكجاننى تۇتقۇن قىلدى

قازاقىستان ھۆكۈمىتى سېرىكجاننى تۇتقۇن قىلدى

قارار تورىنىڭ 10-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئاكتىپ پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشنى قولغا ئالغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەكشەنبە چۈشتە سېرىكجان بىلاشنى ئالمۇتادا قولغا ئېلىپ، ئاستاناغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا قازاقىستان ئالاھىدە خادىملىرى ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، ئىشخانا ئىچىدىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قازاقلار بەرگەن يازما گۇۋاھلىقلارنى، بارلىق ھۆججەت ۋە كومپيۇتېرلارنى ئېلىپ كەتكەن. ئالاھىدە خادىملار يەنە ئاتا يۇرت پىدائىيلىرىنىڭ ئىشخانىسىنى رەسمىي پېچەتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئاتا يۇرت جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلاش خىتاي لاگېرلىرىدا سولانغان قازاقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت قىلغانلىقى، قازاقسىتان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى چەكلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا قارىماي، خىتايغا قارشى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاينىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىدىن بولغانلىقى، ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى قاراقىستاندا سوتلاشنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ