ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستان خىتاينى قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-22 13:03:35 جەمئى 5137 قېتىم ئوقۇلغان.

قازاقىستان خىتاينى قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىردى

قازاقىستان خىتاينى قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىردى
22- يانۋار konhaber تورى بەرگەن خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى قانۇن بويىچە ئادىل ئىش قىلىشقا چاقىرغان.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى Aybek Smadiyarov, خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارغا قىلىۋاتقان يولسىزلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن قويۇق سودا ھەمكارلىقىنىڭ بارلىقىنى ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنى ئۆيلىرىگە نەزەربەنىت قىلغانلىقىغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينى ھەر ۋاقىت ئۆزى چىقارغان قانۇنىغا ئۇيغۇن، ئادىل ئىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
خەۋەردە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليون 500 مىڭ قازاق بار ئىكەنلىكى، خىتاي 1997- يىلىدىن باشلاپ قازاقستان ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى چەكلەش ھەققىدە بېسىم قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ