ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستاندىن نومۇس قىلارلىق بايانات كەلدى

قازاقىستاندىن نومۇس قىلارلىق بايانات كەلدى

قازاق خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە كۆرە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۆزچىسى مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قالغان قازاقلار ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا پۈتۈن قازاق تارىخىغا ئۆچمەس داغ كەلتۈرۈدىغان شەكىلدە جاۋاب بەردى.

ئۇ جاۋابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى مۇجادىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى ئەمدى تولا تىلغا ئالماڭلار  دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

قازاق خەۋەرلىرى تورى بۇ خەۋەرنى؛ پۈتۈن قىممەت قاراشلىرىمىزنى ساتقان ھۆكۈمىتىمىز ئەمدى ئىرقىمىزنىمۇ ساتتى دېگەن ماۋزۇ بىلەن بەردى.

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى جىددى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ۋە قاتتىق ئەيىبلەندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ