<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش يىلىنى كۈتۈۋالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-04 15:35:37 جەمئى 2244 قېتىم ئوقۇلغان.

بۇ يىلىمۇ 1-سېنتەبىر كۈنى مەملىكەتتىكى 60 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئارىلاش، يەنى قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش يىلىنى كۈتۈۋالدى

 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-سېنتەبىر قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن «بىلىم كۈنى» بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈنى بارلىق مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا گۈل كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇستازلىرىنى تەبرىكلەيدۇ. قازاقىستاندىكى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تاجىك تىللىق مەكتەپلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۆلۈنگەن خىراجەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ. 

بۇ يىلىمۇ 1-سېنتەبىر كۈنى مەملىكەتتىكى 60 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئارىلاش، يەنى قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرى بويىچە ئەڭ ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۆتكەن مۇراسىمغا بىر يېرىم مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى-ئۇستازلار، زىيالىيلار، ئاتا-ئانىلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى قاتناشتى. مۇراسىم قازاقىستاننىڭ دۆلەت گىمنىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. 

مۇراسىم رىياسەتچىسى سائادەت شاھىمەردانوۋا باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىنمۇ چوڭ ئۈمىدلەر كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مانا بۈگۈنمۇ مەكتەپ بوسۇغىسىنى ئاتلاپ، كېلەچەككە زور ئارمانلار بىلەن قارا كۆزلىرىمىز كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنى كۆزلىگەن 128 نەپەر قارا كۆزلىرىمىزنى گۈلدۈرلىگەن ئالقىش سادالىرى بىلەن تەكلىپ قىلايلى.» 

رىياسەتچى تەييارلىق سىنىپىغا 75 بالىنىڭ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەقەت سان جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇش ساپاسى جەھەتتىنمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، ھەر يىلى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئۆتۈپ، ھەر خىل كەسىپلەرنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

مۇراسىمدا دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى گېزىت كوللېكتىپى، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئۇنىڭ رەئىسى، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف نامىدىن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللىي مائارىپ ھەر قانداق مىللەتنىڭ كېلەچىكى. بىزنىڭ تومۇرىمىز، قېنىمىز، يۈرىكىمىز، باغرىمىز مانا مۇشۇ مىللىي مائارىپتۇر. مۇشۇ قېنىمىزدىكى قاننى ئۇرغۇتۇپ تۇرغان دەل مۇشۇ مەكتەپلىرىمىزدۇر. ھەر قانداق مىللەتنىڭ مىللىي مائارىپسىز ھېچ قانداق تەرەققىياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ھايات ئىسپاتلاۋاتىدۇ. جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارا دەرىجىدىكى بۇ گىمنازىيە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم مەنىۋى ھەم مەدەنىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولدى. مانا مۇشۇ ئۇتۇقنى ياخشى ساقلاپ، مۇشۇ يەردىكى قارا كۆزلىرىمىز ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ياخشى بىلىم ۋە تەربىيە ئېلىپ، چوڭ-چوڭ چوققىلارغا يېتىدىغىنىغا ئىشەنچىم كامىل.»

ئېرشات ئەسمەتوف مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بار كۈچنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا سېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. مۇراسىمدا سۆزلىگەن پېشقەدەم زىيالىي زېرىپ مولوتوف، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ۋە باشقىلار قازاقىستاندا مىللىي مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە رىقابەتچىلىككە قابىل ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ