<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قارقاش چىنباغ يېزىسىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-26 14:49:19 جەمئى 1606 قېتىم ئوقۇلغان.

قارقاش چىنباغ يېزىسىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلدى

قارقاش چىنباغ يېزىسىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلدى
25- ئىيۇن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، قاراقاش بازار ئىچىدىكى چىنىۋاغ ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى ھەر بىر كەنتتە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زور كۆلەملىك جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇپ چىققاندىن باشقا يەنە قەشقەر، خوتەنلەردە دەپنە مۇراسىمى ئورنى ۋە مېيىت ئۇزىتىش ئورنى دېگەندەك ناملاردا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تاكى كەنتلەرگە قەدەر كېڭەيتىلىپ ياسالغانلىقى، ساقچى خادىملىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ چىنباغ ساقچىخانىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ۋە 2 ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.

بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى قاراقاشتىكى بۇ جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 7-ئايدا، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ 4 ئايدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا قاراقاشنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ۋە شۇ مەزگىلگە قەدەر 4-5 كەنتكە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

تەھلىلچىلەر: نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى بىر خىل شۇملۇقتىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە خەلقئارا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىش كېرەك ئىكەنلىكىنى، لاگېرلاردا يېتىۋاتقان نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۈستىدىن دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ