<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بىزنىڭ ھەر نەرسىمىزنى ئالدى، بىراق قۇلاقلىرىمىزغا ئەزان ئاۋازى بىلەن كىرىپ، قەلبلىرىمىزگە مۆھۈر بولۇپ كەتكەن ئىمانىمىزنى ئالالمىدى. خىتاي جاللاتلىرى بىزنى دۇنيادا ئاتاشقا بولىدىغان قانداق ئىسىم ۋە ناملار بىلەن قارىلىسا قارىلىسۇن، ئەگەر ئۆزلىرى ئىنسانلىققا قايتماستىن، بىزنىڭ ئىنسانلىق ھەققىمىزنى قايتۇرۇپ بەرمەستىن، بىزنىڭ ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئىمانلىق قەھرىمانلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان قېرىلار ۋە كىچىك بالىلىرىمىزنىڭ ۋاقتى كەلگەندە بومىدەك پارتلايدىغان تۈمۈر مۇشتۇملىرىدىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدۇ.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى پارتىلىتىشقا قارشى ئەيىپلەشلەرگە جاۋاپ

ئارقا – ئارقىدىن قارشىلىق ھەرىكەتلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. بىردىن ۋە بىرقانچىدىن پىدايىلىرىمىز بۇ ۋەقەلەردە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇلدى. ئۇلار ياش ۋە ھاياتقا بولغان ۋە ياشاشقا بولغان ئۈمىتلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، ئاتا- ئانىسى، چۆچۈردەك ئۇماق بالىلىرى بار ئىدى.

كىملەرنىڭدۇر بالىلىرى تېخى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا، دادىسىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. كىملەرنىڭدۇر بىر ئۈمۈر جاپا مۇشەققەتتە بالا چوڭ قىلىپ، قېرىپ بەللىرى پۈكۈلگەن ، چاچ- ساقالىرى ئاقارغان، بېقىشقا مۇھتاج  قېرى ئانا -دادىلىرى بار ئىدى. بىراق ئۇلار ھەممىدىن ۋاز كەچتى. چۈنكى ئىنسان ئوغلى ئۈچۈن ۋاز كېچەلمەيدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ھۆرلۈك ئىدى.

ئاللاھ سۇبىھانە تائەلا ھەر بىر ئىنساننى ھۆر ياراتتى. ئۆزىدىن باشقىسىغا قۇل بولۇشنى ھارام قىلدى. ئۆزىگىلا باش ئىگىدىغان ھەر بىر بەندىسىنىڭ ھۆرلۈكىنى شۇ ئادەمنىڭ ھەققى قىلدى. ھۆر ياشاشنى ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي نېمەتلىرىدىن بىرى قىلدى. بىراق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ پەرقىنى ئاجرىتالمىغان خىتايدىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ قولىدا ھۆر بىر ئىنسان بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى.

دىنىڭنى ياشىمايسەن، ئۆرپە – ئادىتىڭنى ياشىمايسەن. ئەنئەنەڭنى داۋام قىلدۇرمايسەن، بۇ زېمىنى مېنىڭ دېمەيسەن، بۇ يولنى مېنىڭ دېمەيسەن، يەيدىغان – ئىچىدىغىنىڭنى ، بارىدىغان – تۇرىدىغىنىڭنى ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ قايەرگە بارىدىغانلىقىڭنى مەن تەستىقلايمەن. ماڭا قۇل بولساڭ ھايات قالىسەن، ماڭا قول بولمىساڭ ئۆلىسەن. ئىككى يولدىن بىرىنى تاللايسەن، دېدى. ۋە بۇنى ھەر بىر قەدەمدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان زوراۋانلىقنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتتى. يالغان سۆزنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ھېچكىمدە يوللۇق پىكىر بېرىش ھەققىنى قويمىدى. ھېچكىمنىڭ ھەقلىق داۋاسىغا قولاق سالمىدى. ھېچكىمنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلمىدى. خەلقنىڭ سەۋرىسى تاشتى. ۋىجدانلىق يۈرەكلەر بولسا ھەققى ئۈچۈن ھاياتلىق دۇنياسىكى ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كەچتى ، ئەڭ تاتلىق ۋە ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان جانلىرىدىن بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋاز كەچتى ، كەچمەكتە.

بەلكىم ئىنسانىيەت دۇنياغا كېلىپ ھېچ بىر مىللەت بىزدەك ۋەھشىي ، زومىگەر، ئوغرى ۋە قارا يۈز بىر مىللەتنىڭ قولىدا قالمىغان بولغىيدى؟ بۇنداق نامەرت ، ئىككى يۈزلىمىچى، نومۇسىز بىر مىللەتنىڭ قولىدا ئىزىلمىگەن بولغىيدى؟

ھەممىدىن ئېچىنىشلىق ھەر ۋاقىت ھەقلىق تۇرۇپ ھەقسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىز. ئاشۇ زېمىنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ يەكلەنگەنلىكىمىز. ھەممە بايلىقنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، ھەققىگە قول ئۇزاتقان قوللارغا ئوغرىلارغا سېلىنغان كويزا كىشەنلەرنىڭ سېلىنىشى ئىدى. 

خىتاي بىزنىڭ ھەر نەرسىمىزنى ئالدى، بىراق قۇلاقلىرىمىزغا ئەزان ئاۋازى بىلەن كىرىپ، قەلبلىرىمىزگە مۆھۈر بولۇپ كەتكەن ئىمانىمىزنى ئالالمىدى. خىتاي جاللاتلىرى بىزنى دۇنيادا ئاتاشقا بولىدىغان قانداق ئىسىم ۋە ناملار بىلەن قارىلىسا قارىلىسۇن، ئەگەر ئۆزلىرى ئىنسانلىققا قايتماستىن، بىزنىڭ ئىنسانلىق ھەققىمىزنى قايتۇرۇپ بەرمەستىن، بىزنىڭ ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئىمانلىق قەھرىمانلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان قېرىلار ۋە كىچىك بالىلىرىمىزنىڭ ۋاقتى كەلگەندە بومىدەك پارتلايدىغان تۈمۈر مۇشتۇملىرىدىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدۇ.

مېنىڭچە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ ،  بىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىمىزنى بىلمەي، چۈشەنمەي، ياكى قۇلاق يۇپۇرىۋېلىپ، قۇرۇق سۆلەت خىتاينىڭ رەڭۋازلىقىغا ئىشىنىپ بىزنى ئەيىپلەش تەرىپدارى بولغانلار ، بىزنى ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئۆزىنى بىلىۋېلىشىغا نەسىھەت قىلىشى تېخىمۇ توغرىدۇر. چۈنكى ، خىتاينىڭ ئۆلگەن بىر قانچە ئادىمى ئۈچۈن ئىچى ئارغىپ كەتكەن كىشىلەر ناۋادا بىزنىڭ بىر ئەسىر ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن 35 مىليون خەلقىمىز  ئۈچۈن ، شۇنداقلا ، تۈرمىنىڭ ئىچى بىلەن پەرقسىز بولغان ئاسارەت ئىچىدە ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىر ئېغىز بولسىمۇ لىللا گەپ قىلىپ قويۇشى ھېچ بولمىغاندا بىر ئىنسانلىق بۇرچىدۇر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر         


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ