ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

فىلىپپىن خىتاي كېمىلىرىگە قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-06 15:32:18 جەمئى 864 قېتىم ئوقۇلغان.

فىلىپپىن خىتاي كېمىلىرىگە قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىلىپپىن خىتاي كېمىلىرىگە قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتە خىتايغا يالۋۇرۇپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلسا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دىتۇ ئارالى ئەتراپىدا يانۋار ئېيىدىن مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 275 خىتاي كېمىسىنىڭ كۆرۈنگەنلىكى ھەققىدە توختالغان فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتە: «ئەگەر خىتاي جەنۇبىي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللار مەسىلىسىدە يەنە بىزنى مەجبۇرلايدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇ رايونغا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئەسكەر يوللايمىز» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇ يەنە باياناتىدا: «كېلىڭ، دوست بولايلى! بىراق پاگ ئاسا ئارىلى ۋە باشقا ئاراللارغا قول تەككۈزۈپ سالماڭ! ئۇ يەرگە بۇرۇلسىڭىز، ۋەزىيەت باشقىچە ئۆزگىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەسكەرلىرىمنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇيمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
دۇتېرتە بۇ سۆزلىرىنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، دوستانە تەۋسىيە ئىكەنلىكىنى، ئۆتۈنۈپ، يالۋۇرۇپ يۈرمەيدىغانلىقىنى، پەقەت پاگ ئاسا ئارىلىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى، ئۇ يەردە فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە، ئالدىنقى ھەپتىدە فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە فىلىپپىنلىق بىر دپلوماتىيە ئەمەلدارى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ