ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

فىلىپپىننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى دىققەت قوزغىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-07 12:07:16 جەمئى 3496 قېتىم ئوقۇلغان.

فىلىپپىننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك مۇشاۋىرى نوربەرتو گونزالېسنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرى دىققەت تارتتى

فىلىپپىننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى دىققەت قوزغىدى

فىلىپپىننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك مۇشاۋىرى نوربەرتو گونزالېسنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرى دىققەت تارتتى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

-        خىتاي جىنايەت ئارخىپى بار بىر دۆلەتتۇر. ئۆتمۈشتە قوشنىسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلغانلىقى ئەمەلىي بىر رىئاللىق.

-        ئۇنتۇمايلىكى 1949 – يىل10- ئاينىڭ 12 – كۈنى يېڭى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلدى ۋە بىر يىل كېيىن 1950 – يىل 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى بۇ ئىشغال ھەرىكىتىنى تاماملىدى.

-        خىتاي تىبەتنى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىپ ئۆز تۇپراقلىرىغا قوشۇۋېلىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازاندى.

-        يەنە بار... خىتاي 1962 – يىل 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۆز ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتان تۇپرىقى ئارقىلىق غەربى قوشنىسى ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلدى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ تۇپراقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلدى.

-        خىتاي يەنە توختمىدى ۋە 1979 – يىل 2 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ۋىيتنامغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلماقچى بولدى. ئەمما 10 مىڭلارچە ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ چېكىنىشكە مەجبۇر قالدى. خىتاي ۋىيتنامدا تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىنى ياشىدى.

-        خىتاي بۈگۈن ئۇرۇش كۈچىنى ۋە ئەسكىرى قابىلىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى داۋا قىلىپ، رايوننىڭ، ئاسىيانىڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئۆز نوپۇزىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

-        خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن تارىخىمىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ۋە دۇنياغا يالغۇز ھاكىم بولۇش نىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلىرىنى بۈگۈنكى رىئاللىق بىلەن بىلىش ئىنتايىن مۇھىم زۆرۈرىيەتتۇر.

-        بۇ سەۋەبتىن فىلىپپىن باشتا بولۇش بىلەن بىرگە قوشنىلىرىمىز ۋە خىتايغا قوشنا بولغان پۈتۈن دۆلەتلەر خىتاي ھۇجۇمى ۋە ئىشغالىغا قارشى ئۆز مۇداپىئەلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى ۋە خىتاي تەھدىدىنى ياخشى چۈشىنىشى ئۆز كېلەچەكلىرى ئۈچۈن ئاقىلانە تەدبىر بولىدۇ.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ