ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-11 11:30:53 جەمئى 1571 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى
10-فېۋرال تۈركىىيەدىكى 24 چوك جامى، گېرمانىيە ۋە ئاۋىستىرىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا  بىرلا ۋاقىتتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان ۋە دۇئا قىلىندى.
ئىستانبۇل فاتىھ رايونى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى جەمئىيىتى تەشكىللىدە، پائالىيەتكە، جەمئىەت ئەزالىرى، فاتىھ جامەسى جامائىتى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ياشلار ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەركان دەمىرال ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى، ھەتتا ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، تاماكا تاشلىغانلارغىمۇ ئەسەبىيلىك تۆھمىتى چاپلىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى ئىسلام دىنىغا قارشى سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
ئاخىردا جاراڭلىق تەكبىر سادالىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ