<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شانلۇ ئۇرفا ئۇنۋېرستېتىدا ئىسلامغا قارشى ئىسلام ۋە ئوتتۇرا شەرق ، تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شانلۇ ئۇرفا ئۇنۋېرستېتىدا ئىسلامغا قارشى ئىسلام ۋە ئوتتۇرا شەرق ، تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قېتىلغان تائىم تۈرك باش خەۋەر قانىلىنىڭ  باش رەھبىرى ۋە ئوبزورچىسى نەۋزات چېچەك ئەپەندى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلار ھەققىدە توختىلىپ ، غەرپ دۇنياسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان يېڭى پىلانلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسلامغا قارشى ئىسلام ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىدا بولىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ جانلىق مىسال بولالايدىغانلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسلام دۇنياسى ئۈستىدىن يېڭىدىن يېڭى پىلانلارنى قۇرىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سىياسىي مەسلىھەت ئەقىل دانىشمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن نەۋزات ئەپەندى: ئىسلام دۇنياسىنى ئايلاندىم ۋە شۇنى ئېنىق كۆردۈم. مۇسۇلمان دۇنياسىدا بىر يۇقىرى دانىشمانلىق ئەقىل ئۇستىلىرى بار. بۇ ھەممىشە دەپ كېلىۋاتقان بىر ئىش بىراق. ئۇ ئەقىل ئۇستىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىش ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن كۆپىنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك. يەنى  ئۇلار مىسىردا بىر زەربەنى پىلانلىغان ۋاقتىدا بۇنىڭ بىلەن تەڭ بېنگالنى پىلاننىڭ ئىچىگە قويىدۇ. بېنگالنى پىلاننىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە تۈركىيە ھەققىدىكى چوتلىرىنى سوقىدۇ. تۈركىيەنى ھېسابىنى قىلىۋاتقاندا تۇنۇسنى ئۇنىڭغا باغلايدۇ. تۇنۇس ھەققىدە پىلان قۇرۇۋاتقاندا بولسا پەلەستىنى ھېساپقا قوشۇدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زەنجىردەك بىرى  يەنە بىرىگە باغلىنىپ ماڭىدۇ. مەسىلەن بېنگالدىكى مىسىردىكى ، تۈركىيەدىكى ئىنسان ، ئۆزىنىڭ يەرلىك ئۆزىگە خاس پىكىر قارىشى ۋە سىياسى ھاياتى بىلەن كۆرۈش قىلىدۇ. ھەم بۇ ئويۇننى تەبىئى ھالدا بۇزىۋېتەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇزالمايدۇ؟ چۈنكى، ئويۇن ئىنتايىن ئۈستىن ئەقىل ئۇستىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن. بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىمىزگە تەۋە بولغان يەرلىك ئەقلىمىز بىلەن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىمىز ۋە شۇ بويىچە تەھلىل قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۇن ھەر يەرگە باغلانغان بۇ چوڭ ئويۇننى بۇزالمايۋاتىمىز.

ئىسلام دۇنياسىدىن باشقا يەردە بىرەر توقۇنۇشلار بارمۇ؟

ئىسلام جۇغراپىيەسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئەڭ ئاساسلىق بولغان توقۇنۇشلار قايەرلەردە؟ يە مەزھەپكە قارىشى مەزھەپلەر، يە جۇغراپىيەگە قارىتا جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش بىلەن چىقماقتا . ۋە ياكى بولمىسا نورمال يولدا ياشىلىۋاتقان ئىسلام بىلەن رادىكال ئىسلامچىلار ئارىسىدا چىقماقتا. ئىسلام جۇغراپىيەسىدىن باشقا بىر يەردە توقۇنۇش بارلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام جۇغراپىيەسى ئىچىدە چىقماقتا. غەرپ ، ئىسلام دۇنياسىدا مەزھەپكە قارىشى مەزھەپ، جۇغراپىيەگە قارىشى جۇغراپىيەلىك، ئورتا يول تۇتقان مۇسۇلمان بىلەن رادىكال ئىسلامچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىرىدىغان پىلانلارنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ ئىجرا قىلماقتا.  

ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ، ئۆلتۈرگەنمۇ مۇسۇلماندۇر.

جۇغراپىيلىك دائىرە جەھەتتىن بىرمۇنچە ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر- بىرىگە قارىتا جىددىي بىر ئۇرۇش خەتىرى ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نەۋزەت ئەپەندى: ئىراق، ئىران، كۇۋەيت بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. سۈرىيەگە قارىساق، بەھرەيىنگە قارىساق، پاكىستانغا قارىساق، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈۋاتقان بىر جۇغراپىيە دائىرىسى ئىچىدە ياشىماقتىمىز. سىياسىي چىقىشالماسلىق دېگەن باھانىلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ شۇنى دېمەكچىمەن. نەتىجىدە ئۆلىۋاتقان كىم؟ مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ ئۆلتۈرگەن كىم؟ يەنە مۇسۇلمان!

قۇرئان ئوقۇغان مىسىر ئەسكەرلىرى مۇسۇلمان خەلقنى ئۆلتۈردى

مىسىردىكى ئادىۋىيە مەيدانىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلىغۇچىلارغا بايان قىلغان نەۋزەت چېچەك ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئادىۋىيە مەيدانىغا بارغان ۋاقتىمىزدا مەن مىسىرنىڭ ئەسكەرلىرىنى قوللىرىدا قۇرئان بولغان ۋە قۇرئان ئوقۇغان ھالدا كۆرگىنىمدە ھەيران قالدىم. چۈنكى تۈركىيەدە كۆرۈپ ئۆگەنگىنىمىز بويىچە بولغاندا ئەسكەرلەر دىندىن تولىمۇ  يىراق تەربىيلىنەتتى. بىراق بۇ يەردىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا قۇرئان بار. ھەممىسى قۇرئان ئوقۇغان ھالدا ئىدى. بۇ قانداق ئىش دېدۇق. چۈنكى نورمالدا ئىنسان بۇنى ھېچ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. ئىفتار ۋاقتىغا ئاز قالغاندا ئۇلارغا كىچىك يۈك ماشىنىلىرىدا ئىفتارلىق تاماقلىرى ئېلىپ كېلىندى. مەن بۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسىڭلارغا بۇ ھەقتە ناھايىتى ئازادە ھالدا سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن. ئىفتاردىن كېيىن ئۇ ئەسكەرلەر يەنە شۇ مەيداندا ناماز ئوقۇدى. يەنە شۇ ئەسكەرلەر بىر سائەتتىن كېيىن ئادىۋىيە مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى يەنى مۇسۇلمان قېرىداشلارنى قوللىغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قوللىرىنى يۇيۇپ نامازلىرىنى ئوقۇدى. مانا بۇ بىزنى ئىنتايىن قاتتىق قايغۇرتقان ئىشتۇر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مەنبە: yeni akıt


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ